- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەركىن سودا مۇلازىمەت مەركىزىدىن 11ى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
2018.01.16 16:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە: ھازىرغىچە جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ئەركىن سودا سىناق رايونى مۇلازىمەت مەركىزىدىن 11ى (قىسقارتىلىپ «ئەركىن سودا مۇلازىمەت مەركىزى») رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن، بارلىق ئەركىن سودا سىناق رايونىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئەركىن سودا مۇلازىمەت مەركىزى بولسا، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ھەرقايسى ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىدا تەسىس قىلغان، ھەمدە سودا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ۋە سودا ئىشلىرى قانۇن مۇلازىمىتى ۋە سودا-سانائەتكە ۋاكالىتەن بولۇشنى ئۇنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى قىلغان، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ۋە ھەر قايسى يەرلىكتىكى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيەتلىرىنىڭ بايلىقلىرىنى بىر تۇتاش ۋە پولىمېرلىق ھالەتتە باشقۇرۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىدىكى كارخانىلار ۋە ئالاقىدار تارماقلارنى يېقىن ئەتراپتىكى مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۇنىۋېرسال ئاممىۋى مۇلازىمەت ئاپپاراتىدۇر.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئەركىن سودا مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئۇچۇر ئېلان قىلىش ۋە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش سۇپىسى ھازىر تېخى قۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرماقتا. بۇنىڭدىن كېيىن، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ باشقۇرۇش تارمىقى، شۇ جايدىكى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى كارخانىلار دېگەندەك تارماقلارغا يۈزلەنگەن ھالدا، ۋاقتىدا ھەر خىل ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ۋە ھەر قايسى ئەركىن سودا سىناق رايونلىرى ئارا ئۇچۇردىن ئورتاق پايدىلىنىش ۋە كەسىپنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر