- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۈركىيە مۇتەخەسسىسلىرى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دۇنياغا بولغان تەسىرى چوڭقۇر
2018.01.16 08:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە سابانچى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئارتاي ئاتىلى يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقنى ساقلىشى دۇنيا ئىقتىسادىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە. ھەر قايسى دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىدىن بەھرىمەن بولۇشقا بولىدۇ.
ئاتىلى مۇنداق دېدى: دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن قويۇق ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ، جۇڭگو يەنە شۇنداقلا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم مەبلەغ سېلىش مەنبەسى. دۇنيا ئىقتىسادى مۇقىملىقىنى ساقلىماقچى بولسا، جۇڭگو ئىقتىسادى چوقۇم مۇقىملىقنى ساقلىشى كېرەك.
ئاتىل مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى سۈپەتكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ بولسا، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىدا تېخنىكا، قوشۇلما قىممەت ۋە يېڭىلىق يارىتىش دېگەندەكلەرنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر