باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«‹56 مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ 19-قۇرۇلتايدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى› تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك مىكرو سىن پىروگراممىسى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى» دېگەن خەۋەر «2017-يىللىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئائىت 10 چوڭ خەۋەر»نىڭ بىرى بولدى

2018.01.17 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «‹ 56 مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ 19-قۇرۇلتايدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى› تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك مىكرو سىن پىروگراممىسى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى» دېگەن خەۋەر يېقىندا دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ئېلان قىلغان «2017-يىللىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئائىت 10 چوڭ خەۋەر»نىڭ بىرى بولۇپ تاللاندى.

  «56 مىللەت ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ 19-قۇرۇلتايدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك مىكرو سىن پىروگراممىسى مەركەز تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، «خەلق گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلەنگەن بولۇپ، مەزمۇنى مەملىكەت بويىچە 20 ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننى قاپلاپ، سۈرەتكە ئېلىش مۇساپىسى 100 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشقان، 56 مىللەتتىن بولغان 56 ۋەكىل زىيارەت قىلىنغان. بۇ يۈرۈشلۈك سىن پىروگراممىسى 2017-يىلى 12-ئۆكتەبىردىن 18-ئۆكتەبىرگىچە «خەلق تورى»دا تۇنجى قېتىم قويۇلۇپ ۋە ئالاقە تورىغا يوللىنىپ، كۆرۈش قېتىم سانى 500 مىليوندىن ئاشقان. سىن پىروگراممىسى يەنە 19-قۇرۇلتاي ئاخبارات مەركىزىنىڭ چوڭ ئېكرانى، بېيجىڭ، شاڭخەي ئايرودۇرۇمىدىكى 474 تېلېۋىزور، بېيجىڭدىكى 4000دىن ئارتۇق خەلق گېزىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق گېزىت ئوقۇش تاختىسى قاتارلىق تور سىرتىدىكى ۋاسىتىلەردىمۇ قويۇلغان.

  «2017-يىللىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئائىت 10 چوڭ خەۋەر» نى باھالاش پائالىيىتىنى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مەدەنىيەت-تەشۋىقات مەھكىمىسى، جامائەت پىكرى مەركىزى ئۈستىگە ئالغان، باھالانغان خەۋەرلەرنى مەركەزنىڭ قىسمەن ئاخبارات تاراتقۇلىرى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئوقۇرمەنلەر ۋەكىللىرى بىلەت تاشلاش ئارقىلىق تاللاپ چىققان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر