باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاق-پەزىلىتى قىزىل سىزىقىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ، ئۇقۇغۇچىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا قارىتا كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلىپ بوش قويۇۋېتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ

2018.01.17 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەگە، يەنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئوقۇغۇچىغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغان ۋەقەگە قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى شۇ مىي 16- چېسلا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاق- پەزىلىتى قىزىل سىزىقىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ، ئۇقۇغۇچىلارغا زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى تاقەت قىلماسلىق پوزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىرى بايقالسا بىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ھەرگىزمۇ كۆڭلى يۇمشاقلىق قىلىپ بوش قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، شۈ مېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا پاش قىلىنغان ۋەقەگە، يەنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئوقۇغۇچىغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىشتەك قىلمىشقا قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار مەكتەپتىن بۇ ۋەقەنى دەرھال تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى. نۆۋەتتە، بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلماقتا. باشقا مۇناسىۋەتلىك مەكتەپلەرگە قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يەنە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئۇلاردىن ئەھۋالنى دەرھال ئېنىقلاشنى، ئەگەر ئەھۋال راست بولسا، كەسكىن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  شۈ مىي يەنە مۇنداق دېدى: مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تۈزۈملەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈم قاتلىمى جەھەتتىن بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر