باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە تۆۋەن پالاتاسى دوكلات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر دۆلەتتىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا قويغان سان چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى

2018.01.17 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسى ئىچكى ئىشلار كومىتېتى 1- ئاينىڭ 15- كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئەنگلىيەدە ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك خەلقئارا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، ھەمدە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى كۆچمەنلەر كۆرسەتكۈچىدىن چىقىرىۋېتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: مەزكۇر دۆلەتتىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى كۆچمەنلەر كۆرسەتكۈچىگە كىرگۈزۈش ھەم مەنتىقسىز، ھەم ئەنگلىيەنىڭ ئەڭياخشى مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر ئىشتۇر. چۈنكى، كۆپ قىسىم چەتئەللىك ئۇقۇغۇچىلارئەنگلىيەدە پەقەت ۋاقىتلىقلا تۇرىدۇ، شۇڭا، ھۆكۈمەت ئەسلىدە تېخىمۇ كۆپ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەنگىلىيەگە كېلىپ ئوقۇشىنى ئىلھاملاندۇرۇش ۋە چەك قويماسلىق كېرەك، ھېچ بولمىغاندا، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ساپ كۆچمەنلەر كۆرسەتكۈچىدىن چىقىرىۋىتىش كېرەك.

  2012- يىلىدىن بۇيان، ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچى ۋە كۆچمەنلەرگە قاراتقان ۋىزا سىياسىتىدە قىسىۋېلىش پوزىتسىيىسىنى قوللىنىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەنگلىيەدە يەنە ئىككى يىل تۇرۇش ۋىزا سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. باش ۋەزىر تىرىسا ماي بۇلتۇر ھەر يىلى ساپ كۆچمەنلەرنىڭ سانىنى 100 مىڭدىن تۆۋەن چۈشۈرۈشنى جاكارلىدى. ئەنگلىيە پارلامېنتى بۇ يىل 3- ئايدا يېڭى كۆچمەنلەر قانۇنى ئۈچۈن بېلەت تاشلىماقچى بولىۋاتىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇنىڭدا، ئەنگلىيەنىڭ«ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش»دىن كېيىنكى يېڭى كۆچمەنلەر سىياسىتى، ھەمدە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ۋە كۆچمەنلەر تىزىملىكىنىڭ چەكلەش كۆرسەتكۈچىدە داۋاملىق تۇرۇش-تۇرماسلىقى دېگەندەك تېمىلار ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى تاراتقۇلار ئارقىلىق باش ۋەزىرگە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى چەكلەش سىياسىتىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى مۇراجىئەت قىلغان، لېكىن باش ۋەزىرنىڭ مەھكىمە باياناتچىسى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، تىرىسا ماينىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر