باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى(2014-2018)» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

2018.01.17 17:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى(2014-2018)» ناملىق كىتاب خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى ۋە 16-يانۋاردىن باشلاپ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا تارقىتىلدى.

  بۇ كىتابقا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2014-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە ئېلان قىلغان يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدىن جەمئىي بەش پارچە كىرگۈزۈلگەن. ئالاقىدار مەزمۇنلارنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ كىتابقا سىن كىتاب ئىشلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، بەش قېتىملىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنىڭ سىن كۆرۈنىشى ئىككىلىك كود نومۇرى ئارقىلىق كىتابقا كىرگۈزۈلگەن، ئوقۇرمەنلەر يېزىقنى ئوقۇش بىلەن بىللە، يەنە يان تېلېفون ئارقىلىق ئىككىلىك كودنى سكانېرلاپ ۋىدىئو مەزمۇنىنى كۆرەلەيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر