باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا «ئۈرۈمچى ـ سانجى ـ شىخەنزە» رايونىنىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىغا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىلدى

2018.01.18 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق ئېغىر بۇلغىنىشقا جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى «ئۈرۈمچى ـ سانجى ـ شىخەنزە» رايونى ھاۋاسىنىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىغا قارىتا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت تەكشۈرۈش باش پونكىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 17-يانۋاردىن 20-يانۋارغىچە، ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە رايونىنىڭ مېتېئورولوگىيە تارقىلىش شارائىتى پايدىسىز ئەھۋالدا بولۇپ، مۇھىت ھاۋاسىدىكى بۇلغىمىلارنىڭ ئىزچىل يىغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۈزلۈكسىز ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت تەكشۈرۈش باش پونكىتى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كېڭىشىشى نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېغىر بۇلغىنىشلىق ھاۋارايىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى 18-يانۋار سائەت نۆلدىن باشلاپ، «ئۈرۈمچى ـ سانجى ـ شىخەنزە» رايونىغا قاراشلىق ھەر قايسى شەھەر (ناھىيە)لەرنىڭ ئېغىر بۇلغىنىش ھاۋارايى سىگنال دەرىجىسىنى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشقا تەڭشىدى.

  قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش مەزگىلىدە، بالىلار، ياشانغانلار ۋە نەپەس يولى، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى ۋە باشقا سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاغرىقى بارلارنىڭ سىرتلارغا چىقىپ پائالىيەت قىلىشىنى توختىتىش، ساغلاملىقى نورمال كىشىلەرنىڭ سىرتتىكى پائالىيەتلەرنى ئازايتىش تەكلىپى بېرىلدى. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ، بالىلار باغچىلىرى سىرتتىكى دەرس پائالىيەتلىرىنى توختىتىشى لازىم. ئامما ئامال بار ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن يول يۈرۈشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان پار قازان ئورنى، قۇرۇلۇش ئورنى، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ گاز قويۇپ بېرىش، سانائەت كارخانىلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق بۇلغىما مەنبەلىرىگە قارىتا قانۇن ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈش قېتىم سانى كۆپەيتىلىدۇ. ھەر قايسى جايلار ئىشلەپچىقىرىشقا چەك قويۇلغان، ئىشلەپچىقىرىش توختىتىلغان بۇلغىما چىقىرىدىغان نۇقتىلىق كارخانىلار تىزىملىكىدىكى كارخانىلارنىڭ %50ى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش مەزگىلىدە ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلىدۇ. سىرتتىكى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا توپا-كېسەك، تاش ئۆيلەرنى ۋە قۇرۇلۇشلارنى چۇۋۇش قاتارلىق قۇرۇلۇش مەشغۇلاتلىرى توختىتىلىدۇ. قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرى، قالدۇق توپا، قۇم-شېغىل قاتارلىقلار بېسىلغان يۈك توشۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈشى چەكلىنىدۇ (تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار بۇنىڭ سىرتىدا). %30 ھۆكۈمەت ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۈرۈشى قىسقارتىلىدۇ. ئاساسلىق شەھەر رايونىدا چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى، خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ مېڭىشىغا رايونلار بويىچە چەك قويۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر