باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لاۋرىنىس دۇنيا تەنتەربىيە مۇكاپاتى نامزات تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، فېدىرېر، كىرىستيانو رونالدو «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر تەنھەرىكەتچى مۇكاپاتى» نامزاتى بولدى

2018.01.18 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىللىق لاۋرىنىس دۇنيا تەنتەربىيە مۇكاپاتىنىڭ ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە نامزاتلار تىزىملىكى 16-يانۋار ئېلان قىلىندى، بۇ قېتىم بىرمۇ جۇڭگولۇق تەنھەرىكەتچى بۇ تىزىملىككە كىرەلمىدى، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە 2-ئاينىڭ 27-كۈنى موناكودا ئاشكارىلىنىدۇ.

  ئاۋۋالقى يىللاردىكى لاۋرىنىس مۇكاپاتىدا، «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر تەنھەرىكەتچى، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال تەنھەرىكەتچى» مۇكاپاتى كىشىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇكاپات تۈرى بولۇپ كەلدى. بۇ قېتىمقى «ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر تەنھەرىكەتچى» مۇكاپاتىنىڭ كاندىدات نامزاتى بولسا، شىۋېيتسارىيەلىك چويلا توپ پادىشاھى فېدىرېر بىلەن پورتۇگالىيەلىك پۇتبول چولپىنى كىرىستيانو رونالدو. 36-ياشقا كىرگەن فېدىرېر 2017-يىلى ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدا 5-قېتىملىق ئاۋىسترالىيە چويلا توپ ئاشكارا مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقى ۋە 8-قېتىملىق ۋىمبلىتون چويلا توپ ئاشكارا مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆزى ساقلاپ كەلگەن تۆت تۈرلۈك چويلا توپ مۇسابىقىسى يەككە تۈرىنىڭ ھەممىسىدە چېمپىيون بولۇش (تۆت تۈردە چېمپىيون بولۇش) رېكورت سانىنى 19 قېتىمغا يەتكۈزگەن. كىرىستيانو رونالدو بولسا 2017-يىللىق خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ «دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى» مۇكاپاتى ۋە «ئالتۇن توپ» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئىسپانىيە خان جەمەتى مادرىت كۇلۇبىنى يېتەكلەپ، تۆت يىلدا ئۈچ قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. ئېيتىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى، ناۋادا فېدىرېر بۇ قېتىم «لاۋرىنىس ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر تەنھەرىكەتچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشەلىسە، بۇ تۈردىكى مۇكاپاتقا بەش قېتىم ئېرىشكەن بولۇپ، يېڭى رېكورت يارىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر