- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2017-يىلى مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 71644 كىشى بىر تەرەپ قىلىندى
ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئالتە كادىرغا پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلدى
2018.01.18 15:53 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ 17-يانۋار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلى مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 51008 مەسىلە تەكشۈرۈپ چىقىلىپ، 71644 كىشى بىرتەرەپ قىلىنغان، 50069 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 2017-يىلى 12-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ 7594 مەسىلە تەكشۈرۈپ چىقىلىپ، 10672 كىشى بىرتەرەپ قىلىنغان، 7329 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن.
2017-يىلى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلگەن كادىرلار ئىچىدە ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئالتە كادىر، ۋالى، نازىر دەرىجىلىك 543 كادىر، ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك 4541 كادىر، يېزا باشلىقى، بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىك 44979 كادىر بار.
2017-يىلى تەكشۈرۈپ چىقىلغان 51008 مەسىلە ئىچىدە، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تولۇقلىما ياكى پاراۋانلىق پۇلى تارقىتىش مەسىلىسى 12636، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات ۋە سوۋغاتلىق پۇل قوبۇل قىلىش-بېرىش مەسىلىسى 9591، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش-ئىشلىتىش مەسىلىسى 9087، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش مەسىلىسى 6504، توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغلارنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى 5838، نورمىدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خۇسۇسىي ئارامگاھلارغا بېرىش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولۇش مەسىلىسى 3222، ھۆكۈمەت پۇلىغا دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلىش مەسىلىسى 2507، ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلە 1456، ھۆكۈمەت پۇلىغا چېگرا سىرتىدا ساياھەت قىلىش مەسىلىسى 167.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر