باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەينەن ئاۋىياتسىيەسى ۋە شەرق ئاۋىياتسىيەسى «يان تېلېفون مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش»تىن كېيىنكى تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلاننى تالاشتى

ئايروپىلانىدا يان تېلېفون ئىشلىتىشكە بولماسلىق تارىخقا ئايلىنىدۇ

خەينەن ئاۋىياتسىيەسىنىڭ HU7781 نۆۋەتچى ئايروپىلانى تۈنۈگۈن كەچتە يان تېلېفوننى مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى ئالدىن بىكار قىلدى

2018.01.18 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئايروپىلاندا يان تېلېفون ئىشلىتىشنىڭ چەكلىمىسى پۈتۈنلەي بىكار قىلىنمىدى، «ئۇچۇش ھالىتى»نى ئېچىش، كۆنەكسىمان كۆچمە خەۋەرلىشىش ئىقتىدارىنى تاقاش لازىم.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇنىڭدىن كېيىن ئايروپىلاندا ئولتۇرغاندا، «ئۇچۇش ھالىتى»نى ئىشلىتىدىغان ئورۇن چىقىپ، يان تېلېفوندا سىن ۋە رەسىم كۆرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلىش يولۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. سىمسىز تور بار نۆۋەتچى ئايروپىلانلاردا، يولۇچىلار يەنە مال سېتىۋېلىش، توردا چىقىم قىلىشقا بولىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئايروپىلانىدا يان تېلېفون ئىشلىتىشكە بولماسلىق تارىخقا ئايلىنىدۇ.

  شەرق ئاۋىياتسىيەسى ۋە خەينەن ئاۋىياتسىيەسى ئايرىم-ئايرىم بۈگۈندىن باشلاپ يولۇچىلارنىڭ بوشلۇقتا يان تېلېفون ئىشلىتىشىگە بولىدىغانلىقى، لېكىن يولۇچىلار تېلېفوننى«ئۇچۇش ھالىتى»گە تەڭشىشى، كۆنەكسىمان كۆچمە خەۋەرلىشىش ئىقتىدارىنى تاقىۋېتىشى كېرەك. لېكىن «ئۇچۇش ھالىتى» ئىقتىدارى ھازىرلىمىغان يان تېلېفون قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ھاۋا بوشلۇقىدا ئىشلىتىش يەنىلا مەنئى قىلىنىدۇ. جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ھازىر ئالاقىدار خىزمەت لايىھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈۋاتقان بولۇپ، باشقا كۆپلىگەن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىمۇ ئۇچۇش ھالىتىدىكى يان تېلېفوننى «مەنئى قىلىش بۇيرۇقى»نى بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر