باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى 20 ئالىي كەسپىي مەكتەپلەردە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش خىزمىتى باشلاندى

2018.01.18 15:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھانى ئورنى «ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى تارقىتىپ، 2018- يىللىق ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى ئالىي كەسپىي (مەخسۇس كۇرستىكى) مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  1- ئاينىڭ 11- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھانى ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، 2018- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرستىكى) ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ماس كېلىدىغان مەكتەپتىن 20سى بار ئىكەن.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يەنى، تىزىملىتىش خىزمىتىدە داۋاملىق توردە بىر تۇتاش تىزىمغا ئالدۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. تىزىملىتىش ۋاقتى: 1- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت 12گىچە (بېيجىڭ ۋاقتى)؛ ئىمتىھان ۋاقتى: 3- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 11- كۈنىگىچە؛ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ توردا جەزىملەشتۈرۈلۈپ قوبۇل قىلىنىش ۋاقتى: 3- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەمدە 2018- يىللىق ئىمتىھانغا قاتنىشىش نومۇرىغا ئېرىشكەن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بارلىق ئوقۇغۇچىلار «شىنجاڭ كەسپىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى مۇلازىمەت سۇپىسى» (http://www.xjzk.gov.cn)غا چىقىپ، توردا تىزىملاتسا ۋە ئارزۇ تولدۇرسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر