باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دوكلاتتا 70- ۋە 80- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار توردا ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ ئاساسىي قوشۇنى بولۇپ قالغانلىقى ئېيتىلدى

2018.01.18 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو بانكىلار بىرلەشمىسى 17- يانۋار «2017- يىللىق كۆچمە ئالاقە تورىدا چىقىم قىلىش بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. بۇ، جۇڭگو بانكىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئۇدا 10 يىل ئىستېمالچىلارنىڭ چىقىم قىلىش ئادىتى ۋە خەۋپ-خەتەر مايىللىقىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشتىن ھاسىل قىلغان دوكلاتنى ئېلان قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  دوكلاتتا مۇندا كۆرسىتىلگەن: 70- ۋە 80- يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار نۆۋەتتە توردا ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ ئاساسىي قوشۇنى بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەرلەردىن ئۇلارنىڭ ھەر ئايدىكى ئوتتۇرىچە تورلۇق ئىستېمال سوممىسى 5000 يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنلەرنىڭ نىسبىتى (%23) بولۇپ، تۇنجى قېتىم ئاياللارنىڭ (%15) لىك ھالىتىدىن سەككىز پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. بۇنىڭدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، گەرچە 90- يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ كىرىم ئەھۋالى باشقا ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەر توپىغا يەتمىسىمۇ، لېكىن ئۇنداقلاردىن ئۇلارنىڭ ھەر ئايدىكى تورلۇق ئىستېمال سوممىسى 5000 يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارنىڭ نىسبىتى (%23) بولۇپ، باشقا بارلىق ياش باسقۇچىدىكى كىشىلەر توپىدىن يۇقىرى بولغان. دېمەك، ياشلار توپى بولسا، ئۇلارنىڭ كۆچمە چىقىم قىلىش ساھەلىرىدىكى ئىستېمالى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەن.

  تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشانغانلار باھادا ئېتىبار بېرىش ئۇچۇرلىرى تەرىپىدىن تېخىمۇ ئاسان جەلپ قىلىنىدىكەن، ئەمما، ئۇنداقلارنىڭ نائېنىق ھالدىكى ئىككىلىك كودغا بولغان ھەزەر ئەيلەش ئېڭى ناچار بولغاچقا، ئۇنداقلار تور ئالدامچىلىقىغا تېخىمۇ ئاسان ئۇچرايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 50 ياشتىن يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپى ئارىسىدا زىياننى قايتۇرۇۋېلىش نىسبىتى %54 بولۇپ، باشقا ياش قۇرامىدىكىلەردىن تۆۋەن بولىدىكەن. بۇنىڭغا ئۇنداقلارنىڭ ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللانمىغانلىقى ئاساسلىق سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر