باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2018.01.18 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى كېچياڭ 16-يانۋار گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2- يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش خىزمىتىنى يېڭى پەلللىدە چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسى ۋە تارماقلارنىڭ پارتگۇرۇپپىلىرى(پارتكومى) پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يىيىش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىشنى تۈپ سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىستىلنى ياخشىلاپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىيانەتچىلىك، چىرىكلىكنى تازىلاپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يېڭى بۇرچنى ئۈستىگە ئېلىپ، يېڭى نەتىجە يارىتىشى كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى جەزمەن چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى سىجىل چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكتىلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەدىكى يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كۈتىسىز ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تەڭ تۈزەپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش خىزمىتىدە يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر