باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق 15 مىنىستىرلىق، كومىتېت مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، سەھىيەدىن ئىبارەت «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2018.01.17 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى يېقىندا بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، سەھىيەدىن ئىبارەت «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنىڭ كۇرسلۇق تەسىرى ۋە ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى كۈچلەرنى يەنىمۇ سەپەرۋەر قىلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياشاشقا باب كەلتۈرۈش، يېزىلارنى مەدەنىيلەشتۈرۈش، ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش، تۇرمۇشىنى باياشات قىلىش باش تەلىپىگە ئاساسەن، «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشكىللەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە كۈچ قوشۇپ، «مەنىۋى كەمتۈكلۈك»نى تۈگىتىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچەپ، ئومۇميۈزلۈك، توغرا، چوڭقۇر بولۇش، ھەم ئېھتىياتچان، ھەم جانلىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «مەدەنىيەتنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش»، «چاغاننى مەدەنىي ئۆتكۈزۈپ، ئاممىغا سەنئەت نومۇرلىرىنى بېغىشلاش»، «خۇشاللىقنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش»، «قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش»، يېزىلاردا كىنو قويۇش، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش، چاغاندا يېزىلارغا كىتاب سوۋغا قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش كېرەك. پەن-تېخنىكىدىن ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، يېزا پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى، پەن-تېخنىكا ئۇچۇر پونكىتى، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش جۇڭگو سەھرا تور پونكىتى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەت ئۆيى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام پەن-تېخنىكا ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە پەن-تېخنىكا مەبلىغىنىڭ يېزىلارغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يېزىلارغا يۈزلەنگەن ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك داۋالاش ئەترەتلىرىنى تەشكىللەپ، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرى، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلاردا سەييارە داۋالاشنى قانات يايدۇرۇشقا ئەۋەتىپ، داۋالاش بايلىقىنىڭ يېزىلارغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر