سۈرەتتە: شىنجاڭ جېمىنەي ناھىيەسىدىكى تۇڭتيەن غارى خارابىسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى (2017-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر ئۆمىكى باھالاپ چىققان 2017-يىللىق جۇڭگو ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئارخېئولوگىيە مۇنبىرىدە ئېلان قىلىندى. شىنجاڭ جېمىنەي ناھىيەسىدىكى تۇڭتيەن غارى خارابىسى، جىنەن شەھىرى جاڭچيۇ رايونى جياۋجياگۇ يېڭى تاش قوراللار دەۋرى خارابىسى، فۇجيەن مىڭشى ناھىيەسىدىكى نەنشەن خارابىسى، خۇبېي جىڭشەن ناھىيەسىدىكى سۇجيالوڭ جۇ سۇلالىسى خارابىسى، خېبېي ئۆلكىسى شىڭتاڭ ناھىيەسىنىڭ نەنچياۋ بازىرىدىكى گۇجۈن شەرقىي جۇ سۇلالىسى خارابىسى ۋە جىلىن ئەنتۇ ناھىيەسى باۋما شەھىرى جىن سۇلالىسى خارابىسى قاتارلىقلار 2017- يىللىق جۇڭگو ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاشلار قاتارىغا كىردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى