باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو باش ئەلچىخانىسى جۇڭگو پۇقرالىرىنى چاغانلىق دەم ئېلىشتا مىسىرغا بېرىپ ساياھەت قىلىشتا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇردى

2018.01.17 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 16-يانۋار ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 13-يانۋاردىن بۇيان مىسىرنىڭ يېڭى بىر قېتىملىق جىددى ھالەتكە كىرگەنلىكىنى، بىر قىسىم رايونلاردا بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا كەسكىن ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنى چاغانلىق دەم ئېلىشتا مىسىرغا بېرىپ ساياھەت قىلىشتا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشقا ئاگاھلاندۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا، مىسىرغا ساياھەتكە بېرىشتا، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ سالاھىيىتى بار دۆلەت ئىچى ساياھەت كوپىراتىپلىرىنى تاللاپ، ئۆمەك تەشكىللەپ بېرىش كېرەكلىكىنى، شەخىسلەرنىڭ يالغۇز ساياھەتكە چىقماسلىقىنى، يالغۇز ھەرىكەت قىلماسلىقىنى ئۇقتۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ شامشەيختىن باشقا سىناي يېرىم ئارىلى ۋە ئاق-قارا قۇملۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەلغىزا ئۆلكىسى بەھىرىيە رايونلىرىغا ۋاقتىنچە بېرىپ ساياھەت قىلماسلىقىنى ئەسكەرتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چەت-ياقا رايونلارغا ياكى غەيرىي مۇنتىزىم ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىغا ساياھەتكە بارماسلىقىنى ئەسكەرتتى.

  ئۇقتۇرۇشتا، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ مىسىر تاموژنىسىنىڭ شەخسىي ئېلىپ ئۆتۈشكە بولىدىغان بۇيۇملارنىڭ تۈرى ۋە سانىغا بولغان بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشىنى ئەسكەرتتى، تەپسىلاتىنى مىسىرنىڭ تاموژنا تورىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ.

  جۇڭگونىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى يەنە جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى مىسىرنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا بويسۇنۇشىنى، شۇ جاينىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە دىنىي قائىدە-يوسۇنىغا ھۆرمەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى، چەكلەنگەن ھەربىي رايوندا، ھەربىي ئەسلىھەلەر ئەتراپىدا قەتئىي تۇرماسلىققا، رەسىمگە چۈشمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا، لۇكسور رايونىدا ئىسسىق ھاۋا شارىغا ئولتۇرۇشتەك خەتەرلىك ساياھەت تۈرلىرىگە قاتناشماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە ناۋادا جىددىي ئەھۋال بولۇپ قالسا، ۋاقتىدا مىسىر ۋە شۇ جايدىكى ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونى ئارقىلىق ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى ھەمدە جۇڭگونىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ كونسۇل قوغداش تېلېفونى ۋە جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ كونسۇل قوغداش ۋە مۇلازىمەت قىلىش جىددىي چاقىرىش مەركىزىنىڭ تېلېفونىغا تېلېفون قىلىشنى ئۇقتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر