خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، قان تەقدىم قىلغۇچى جېجياڭ ئۆلكىلىك قان مەركىزىنىڭ ۋۇلىن دوختۇرخانىسىدا ھەقسىز قان تەقدىم قىلماقتا.
شۇ كۈنى، جېجياڭ ئۆلكىلىك قان مەركىزى ئەلىپاي سۇپىسىدا تۇنجى ئېلېكترونلۇق قان تەقدىم قىلىش كارتىسىنى يولغا قويدى. قان تەقدىم قىلغۇچى بۇ ئېلېكترونلۇق قان تەقدىم قىلىش كارتىسىنى ئالغاندىن كېيىن، «چىراي سىكاننىرلاش» تېخنىكىسى ئارقىلىق، قان تەقدىم قىلىش خاتىرىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ قېنىنىڭ نەگە ئىشلىتىلگەنلىكىنى تەكشۈرەلەيدۇ، يەنە كىملىك بولمىسا قان تەقدىم قىلالماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ. قان تەقدىم قىلىش مىقدارى ئۆلچەمگە يەتكەندىن كېيىن، قان تەقدىم قىلغۇچىلار يەنە ئېلېكترونلۇق قان تەقدىم قىلىش كارتىسى ئارقىلىق دۆلەت ھەقسىز قان تەقدىم قىلىش تۆھپە مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ.
ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، ئالاقە تورى ۋە بۇلۇت ھېسابلاشنىڭ ئۇنىۋېرسال قوللىنىلىشى ئارقىلىق، ئەلىپاي سۇپىسى، جېجياڭ ئۆلكىلىك قان سۇيۇقلۇقى بۇلۇت سۇپىسى ۋە جېجياڭ ئۆلكىلىك قان ئېلىش-باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، قان تەقدىم قىلغۇچىلارغا يېڭى «رەقەملەشكەن» قان تەقدىم قىلىشتەك قولايلىق يارىتىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى