باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2018-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەردە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۇتاشتۇرۇلىدۇ

2018.01.18 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى :مۇخبىرنىڭ 2018- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ناھىيەلەردە يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيوللارنى ۋە يېزا يوللىرىدىكى ئاسفالت يوللارنى بەرپا قىلىش، ھەمدە كەنتلەرنىڭ يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇشتەك نىشان-ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، پۇختا قەدەم تاشلاپ، قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۈچ چىقىرىپ، تاشيول تورى قۇرۇلمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىكەن ۋە سەرخىللاشتۇرۇلىدىكەن.

  بۇ يىل، ئاپتونوم رايون بويىچە 15 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن، ھەمدە يېڭىدىن ئۆزگەرتىلىپ ياسىلىدىغان يېزا تاشيوللىرىنى 15 مىڭ كىلومېتىرغا كېلىدىغان يەتكۈزۈش نىشاننى تىرىشىپ تاماملايدىكەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىنىڭ نازىرى زۇلپىيە ئابدۇرېھىم قادىر ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2018- يىلى، شىنجاڭدا قاتناش نۇقتىلىق تۈرلىرىگە سېلىنىدىغان مەبلەغ سوممىسى 2017- يىلىدىكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭ بولدى. بۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى شۇ دەرىجىلىك تاماملايدىغان مەبلەغ سېلىش سوممىسىنى 49 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈش، ھەمدە يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسايدىغان دۆلەت- ئۆلكە غول لىنىيە تاشيوللىرىنى 772 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈش ۋە يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنى 240 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈش نىشانىنى تاماملىماقچى.

  بۇ يىل، خەلقئارالىق يول تىرانسپورت مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز شىمال، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبتا ئۈچ چوڭ يول قۇرۇلۇشى، ھەمدە جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا غول يوللار قۇرۇلۇشىنى قۇرۇشنى تېزلىنىپ، جۇڭگو-پاكىستان، جۇڭگو-تاجىكىستان، جۇڭگو-موڭغۇلىيە ۋە جۇڭگو-قىرغىزىستاندىن ئىبارەت مۇھىم يۆنىلىشتىكى پورت تاشيوللىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇ يوللارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرىدۇ. شىنجاڭ يەنە «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، نامرات رايونلارنىڭ بىر تۈركۈم بايلىق يوللىرى، ساياھەت يوللىرى ۋە كەسىپ ئېچىش خاراكتېرگە ئىگە تاشيوللار قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، نامرات رايونلارنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى نورماللاشتۇرۇش ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈملەشتۈرۈشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ يولۇچى توشۇش تىرانسپورت تۈگۈنى ۋە جۇڭگو شىنجاڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ مال تىرانسپورتى ئوبوروت بازىسى قاتارلىق يولۇچى توشۇش ۋە ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان بىر تۈركۈم ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت تۈگۈنلىرى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق قوللاش كېرەك.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، 2017- يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى 3607 تۈرلۈك قۇرۇلۇشتا ئىش باشلىغان. بۇنىڭدا، ھازىرچە ئىش پۈتۈپ تاپشۇرۇپ بېرىلگىنى 2112 تۈرلۈك قۇرۇلۇش بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسىي قۇرۇلۇشلارغا سېلىنغان مەبلەغ 201 مىليارد بەش مىليون يۈەنگە يەتكەن. نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى تاشيوللاردا قاتناش باشلانغان ئومۇمىي مۇساپىسى 186 مىڭ كىلومېتىر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار 4578 كىلومېتىر، دۆلەت يوللىرى ۋە ئۆلكە يوللىرىدا قاتناش باشلانغان مۇساپىسى تەخمىنەن 29مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ. 14 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەر تېز سۈرئەتلىك تاشيوللارنى تۇتاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر