باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇتېررېس جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى ئالقىشلىدى

2018.01.18 16:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇترېس 16- يانۋار، جۇڭگونىڭ يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىدە ئوينىغان مۇھىم رولىنى يۈكسەك دەرىجىدە ماختىدى، ھەمدە جۇڭگونىڭ بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق مۇھىم رول ئوينىشىنى ئىلھاملاندۇردى.

  گۇترېس شۇ كۈنى ئۆزىنىڭ 2018- يىلدىكى تۇنجى مەيدان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتى جەھەتتە قىلغان ۋەدىسىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىماقتا.

  گۇتېررېس ئەھۋال چۈشەندۈرۈپ، «پارىژ كېلىشىمى»دە قىلىنغان ۋەدىلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەل قىلىنىشىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىكى، يەنە كېلىپ، ئۇ ۋەدىلەر يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسىنى سانائەتلىشىشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەسىدىكىدىن ئۆرلەش كۆلىمىنى ئىككى سېلسىيە گىرادۇس ئىچىدە كونترول قىلىشقا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ مۇسابىقىدە، بىز تېخى غەلىبە قىلمىدۇق، بىزنى يەڭگىنى يەنىلا كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىشى بولماقتا. گۇتېررېس يەنە تەكىتلەپ، كىشىلەرنىڭ ھەرىكەتنى تېزلىتىپ، يەر شارى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى تىرىشىپ كونترول قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  گۇترېس يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو بۇ چوڭ ھەرىكەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ جەھەتتىكى سۆھبەتكە ۋە ئۇلار بىلەن قۇرغان ھەمكارلىق مېخانىزمىگە زور ئۈمىد باغلىدىم. ئۇ يەنە كىشىلەرنىڭ ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇپ، بىز ئورتاق دۇچ كېلىۋاتقان كىلىمات ئۆزگىرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىرىس ۋە تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر