باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەنخۇي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باش كاتىپى ياڭ جىڭنۇڭ سوتلاندى

ئۇ 10 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پارا ئالدى دەپ ئەيىبلەندى

2018.01.18 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنخۇي ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 17-يانۋار، ئەنخۇي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، باش كاتىپى، بەنگۇڭتىڭ پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ جىڭنۇڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا مائەنشەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىققان. مائەنشەن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سوتقا ئادەم قاتناشتۇرۇپ ئەيىبلەشنى قوللىغان.

  ئەيىبلىگۈچى ئورگاننىڭ ئەيىبلىشىچە، جاۋابكار ياڭ جىڭنۇڭ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئەنخۇي ئۆلكىلىك تاشقى ئىقتىساد-سودا كومىتېتى (نازارەت) تاشقى سودا باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، باشقارما باشلىقى، ئەنخۇي ئۆلكىلىك سودا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، ۋۇخۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، شەھەر باشلىقى ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، چېقىش–كۆچۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، يەر ھوقۇقى تەۋەلىكى تالاش- تارتىشىنى ھەل قىلىش، خىزمەت يۆتكەش قاتارلىق ئىشلار جەھەتتە باشقىلار ئۈچۈن پايدا يەتكۈزگەن، ئۆز ئالدىغا ياكى باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ جەمئىي 7 مىليون 62 مىڭ 353 يۈەن خەلق پۇلى، 108 مىڭ يۈەن شياڭگاڭ پۇلى، 38 مىڭ دوللار پۇل-مالنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان (بۇنىڭ ئىچىدە خەلق پۇلىدىن 5 مىليون 97 مىڭ 299 يۈەننى ئەمەلىي تاپشۇرۇۋالمىغان).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر