باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئەدلىيەلىك ئىزاھات ئېلان قىلدى

ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزىنى بېكىتىشتە يېڭى بەلگىلىمە بار بولدى

2018.01.18 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 17- يانۋار «ئەر-خوتۇننىڭ قەرز ماجىراسىغا چېتىلىدىغان دېلولارغا قاراپ چىقىشتا تەتبىقلىنىدىغان قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھات»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئىزاھات» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. «ئىزاھات»تا ھازىرقى قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدە تالاش-تارتىش چوڭراق بولۇۋاتقان ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزىنى بېكىتىش مەسىلىسىگە قارىتا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى ھەم دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ مەسئۇلىيىتىنى ئىسپاتلاش مۇۋاپىق تەقسىملىنىپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى تەڭپۇڭ قوغدالدى، 18- يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ئەر-خوتۇن تىل بىرىكتۈرۈپ ھەقدارنى زىيانغا ئۇچراتسا بولمايدۇ، بىر بىرىگە زىيان سالسىمۇ بولمايدۇ، دەل مۇشۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى ئىزاھات چىقىرىلغان

  2017-يىلى 2-ئايدا تويلىشىش قانۇنىغا ئەدلىيەلىك ئىزاھات (2) نىڭ 24-ماددىسىغا قارىتا قوشۇمچە بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، «يالغاندىن ئاجرىشىپ قەرزدىن قېچىش» مەسىلىسى توسۇلدى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 1-كوللېگىيەسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ ھەقدارنى زىيانغا ئۇچرىتىشى ياكى ئەر-خوتۇن بىر تەرەپنىڭ ھەقدار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ يەنە بىر تەرەپنى زىيانغا ئۇچرىتىشى قاتارلىق تىپىك مەسىلىلەر دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ ئامىللار بىرلىشىپ ئائىلە تۇرمۇشىدا ئەكس ئېتىپ، ئەر-خوتۇننىڭ قەرزىنى بېكىتىش ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلىگە ئايلىنىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەر-خوتۇننىڭ قەرزىگە چېتىشلىق دېلولارغا قاراپ چىقىشىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇردى. ئەسلىدىكى قانۇن، ئەدلىيەلىك ئىزاھاتلاردا بىر يۈرۈش بىر قەدەر مۇكەممەل سىستېما شەكىللىنىپ، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ ھەقدارنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئەر-خوتۇن بىر تەرەپنىڭ 3-تەرەپ بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ يەنە بىر تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش خەۋپىنىڭ ئالدى ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزىنى بېكىتىش ئۆلچىمى، دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىپ مەسئۇلىيىتىنى ئىسپاتلاش جەھەتلەردىكى مەسىلىلەر يەنىلا تۈپتىن ھەل قىلىنماي، جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى. قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدىكى بۇ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈشىگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاممىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ «ئىزاھات»نى تۈزۈپ ئېلان قىلدى.

  ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ تەڭ ئىمزا قويغان ياكى ئەر-خوتۇن بىر تەرەپ ئىشتىن كېيىن ئېتىراپ قىلغان قاتارلىق ئورتاق مۇددىئا ئۈچۈن ئېلىنغان قەرزنى ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى دەپ بېكىتىش كېرەك

  يۇقىرىدىكى مەسئۇل مۇنداق چۈشەندۈردى: ئەر-ئايال توي قىلغاندىن كېيىن، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ مۇستەقىل كىشىلىك قەدىر-قىممىتى ۋە مۇستەقىل ھەق تەلەپ سۇبيېكتلىق ئورنىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ، تويدىن كېيىن ئەر-خوتۇن مۈلۈككە ئورتاق ئىگىدارلىق قىلسىمۇ، بىر تەرەپ بوغۇلغان قەرز بولۇپمۇ ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتكەن زور سوممىلىق قەرز توغرىسىدا يەنە بىر تەرەپ بىلەن بىردەك پىكىرگە كېلىشى ياكى قەرزنى ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىشى كېرەك، بولمىسا ئۇنى ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى دەپ بېكىتىشكە بولمايدۇ.

  «ئىزاھات»تىكى بەلگىلىمە ھەقدارنى قەرز بەرگەندە، بولۇپمۇ زور سوممىلىق قەرز بەرگەندە ئىشتىن كېيىنكى زۆرۈر بولمىغان ماجىرالارنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشتىن بۇرۇن خەۋپ-خەتەردىن مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىمكانقەدەر ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپتىن تەڭ ئىمزا قويۇشنى تەلەپ قىلىشقا يېتەكلەش مەقسەت قىلىنغان. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن سودا بانكىلىرى قەرز بېرىش كەسپىنى بېجىرگەندە توي قىلغانلاردىن ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپنىڭ نەق مەيدانغا كېلىپ تەڭ ئىمزا قويۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر تەرەپ ئالاھىدە سەۋەب تۈپەيلى ئۆزى كېلىشكە ھەقىقەتەن ئامالسىز قالسا، چوقۇم ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن ھوقۇق بەرگەنلىك ھاۋالىنامىسى تاپشۇرۇشى كېرەك، بولمىسا قەرز بېرىلمەيدۇ. بۇ خىل مەشغۇلات ئۇسۇلى قەرز تۆلىمەسلىك خەۋپىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ھەقدارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، ئەر-خوتۇن بىر تەرەپنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگىمۇ زىيان يەتكۈزمەيدۇ.

  ئەر-خوتۇن بىر تەرەپ تويلىشىش مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە شەخسىي نامىدىن ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن ئاشقان قەرزگە بوغۇلسا، يەنە بىر تەرەپ ئۈستىگە ئالمىسىمۇ بولىدۇ

  «ئىزاھات»تا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئەر-خوتۇن بىر تەرەپ تويلىشىش مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە شەخسىي نامىدىن ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن قەرزگە بوغۇلسا، ھەقدار ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزىگە تەۋە دېگەننى ئاساس قىلىپ ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغاندا خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كېرەك. ئەر-خوتۇن بىر تەرەپ تويلىشىش مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە شەخسىي نامىدىن ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن ئاشقان قەرزگە بوغۇلسا، ھەقدار ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزىگە تەۋە دېگەننى ئاساس قىلىپ ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغاندا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىماسلىقى كېرەك، لېكىن ھەقدار بۇ قەرزنىڭ ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق تۇرمۇش، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىگە ئىشلەتكەنلىكى ياكى ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق نىيەت ئىپادىسىگە ئاساسەن بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلىيالىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كېرەك. ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن بوغۇلغان قەرز دېگەن نېمە؟

  مەسئۇل كىشى مۇنداق تونۇشتۇردى: ئەر-خوتۇن مال-مۈلۈكنى ئايرىش كېلىشىمى پۈتۈشمىگەن ياكى پۈتۈشكەن بولسىمۇ ھەقدار بىلمىگەن ئەھۋالدا ئەر-خوتۇن بىر تەرەپ شەخسىي نامىدىن ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئېھتىياجى ئۈچۈن بوغۇلغان قەرزنى ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق قەرزى دەپ بېكىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر