باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر 12-ئايدا قىزىق نۇقتىلىق شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى

بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتىدە تۆۋەنلەش بولدى، %90 يېڭى سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ ئۆي باھاسىدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلەش بولدى

2018.01.19 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 18-يانۋار ئېلان قىلغان 2017-يىلى 12-ئايلىق 70 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي باھاسى ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، قىزىق نۇقتىلىق شەھەرلەرنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي باھاسى ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولغان، كۆپ قىسىم شەھەرلەردىكى يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيلەرنىڭ باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەن بولغان.

  بۇلتۇر 12-ئايدا، «تۈركۈملەرگە بۆلۈپ تەڭشەش، شەھەرلەر بويىچە تەدبىر قوللىنىش» ئۆي-زېمىن بازىرىنى تەڭشەش- تىزگىنلەش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى داۋاملىق كۆرۈنەرلىك بولدى، 70 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەر ئىچىدىكى 15 قىزىق نۇقتىلىق شەھەردە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ باھاسىنى زەنجىرسىمان سېلىشتۇرغاندا مۇقىم دائىرە ئىچىدە ئۆزگەرگەن، ئۆي-زېمىن بازىرى ئومۇميۈزلۈك مۇقىملىقنى ساقلىغان. زەنجىرسىمان سېلىشتۇرما بويىچە، تۆت شەھەرنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي باھاسىدا تۆۋەنلەش بولغان، تۆۋەنلەش دەرىجىسى 0.2 پىرسەنت پوئېنتتىن 0.3 پىرسەنت پوئېنتقىچە بولغان. بېيجىڭ، خاڭجۇ ۋە خېفېينىڭ ئۆي باھاسىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى ئوخشاش بولغان. كۆپ قىسىم شەھەرلەرنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى باھادىن تۆۋەن بولغان.

  70 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن سىجىل تۆۋەنلىدى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستاتىستىكىچىسى ليۇ جيەنۋېينىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەردىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي باھاسى ۋە نىمكەش ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىدە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا، ئۇدا 15 ئاي تۆۋەنلىگەن، 2-سەپتىكى شەھەرلەردە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئاۋالقى ئايدىكىگە قارىغاندا 0.4 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان، نىمكەش ئۆيلەرنىڭ باھاسىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكى بىكلەن ئوخشاش بولغان. 3-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي باھاسىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىن نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكى بىلەن ئوخشاش بولغان، نىمكەش ئۆي باھاسىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتىدە ئۇدا بەش ئاي تۆۋەنلەش بولغان.

  شۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، 70 چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەر ئىچىدە 1-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسىدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا تەڭلىشىش ياكى تۆۋەنلەش بولغان، 2-سەپتىكى ۋە 3-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسىدا ئازراق ئېشىش بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر