باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ئىككى پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ «ئىشىكنى تاقىۋېلىش»ى ئۈستىدىكى سۆھبەتنىڭ قاتمال ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلىيالمىدى

2018.01.22 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا پارلامېنتى 20-يانۋار يىغىن ئېچىپ، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىشىكنى تاقىۋېلىش»ىنى قانداق قىلىپ تېزراق ئاياغلاشتۇرۇشنى مەسلىھەتلەشتى، لېكىن دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەلىرى ئۆز پارتىيەسىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدى بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى خالىمىدى، ھۆكۈمەتنىڭ «ئىشىكنى تاقىۋېلىش» ئۈستىدىكى سۆھبەتنىڭ قاتمال ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلىيالمىدى.

  ئاق ساراي باياناتچىسى ساندېرس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ ترامپ شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ «ئىشىكنى تاقاش» سۆھبىتى توغرىلىق سۆزلەشتى، پەقەت فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنى يۈرۈشتۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ترامپ دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن كۆچمەنلەر ئىسلاھاتى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق دېموكراتلار پارتىيەسى ئىككى پارتىيەدىكىلەر چوقۇم ئالدى بىلەن قانۇنسىز كۆچمەن بولغان ياشلار- ئۆسمۈرلەر توغرىسىدا قانۇن چىقىرىش ئىسلاھاتىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىشى كېرەك، دەپ قارىدى.

  كېڭەش پالاتاسى 19-يانۋار كەچتە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىگە ۋاقىتلىق پۇل ئاجرىتىشتىكى بىر تۈرلۈك قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىمىغانلىقتىن، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يادرولۇق بولمىغان تارماقلىرى 20-يانۋار سائەت نۆلدىن باشلاپ ۋاقتىنچە تاقىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇنىڭ بىلەن 2013-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىدە يەنە بىر قېتىم «تاقىلىش بوھرىنى» يۈز بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر