- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
زامانىۋى تەكشۈرۈش خاتىرىلەنگەندىن بۇيان، 2017-يىلى دېڭىز-ئوكيانلار ئەڭ ئىسسىپ كەتكەن بىر يىل بولدى
2018.01.19 16:56 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاتموسفېرا فىزىكا تەتقىقات ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئورۇننىڭ ئوكيان ئانالىز سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى دېڭىز-ئوكيانلارنى زامانىۋى كۆزىتىش خاتىرىلەنگەندىن بۇيان دېڭىز-ئوكيانلار ئەڭ ئىسسىپ كەتكەن بىر يىل بولغان. 2017-يىلى دۇنيا يۇقىرى قاتلام 2000 مېتىر دېڭىز-ئوكيان ئىسسىقلىق مىقدارى نىسبىتى 1981-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئوتتۇرىچە ھالەتتىن 19.19 × 1022 جوئۇل يۇقىرى بولغان بولۇپ، تارىختىكى ئىككىنچى يۇقىرى بولغان يىل 2015-يىلىدىكىدىن 1.51 × 1022 جوئۇل يۇقىرى بولغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دېڭىز سۈيىنىڭ سېلىشتۇرما ئىسسىقلىق سىغىمى چوڭ بولۇپ، دېڭىز-ئوكيان يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سىگنالنى جۇغلايدىكەن. يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىدىكى %90تىن ئارتۇقراق ئېنېرگىيە دېڭىز–ئوكيانلاردا ساقلىنىپ، دېڭىز-ئوكيان ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىدە ئىپادىلىنىدىكەن. يەر شارىدىكى دېڭىز-ئوكيان ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشى كىلىمات ئۆزگىرىشىدىكى تۇراقلىق بىر كۆرسەتكۈچ. ئۈزلۈكسىز رېكورتنى يېڭىلاۋاتقان دېڭىز-ئوكيان ئىسسىقلىق مىقدارى يەرشارى كىلىماتىنىڭ ئىسسىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردىغان شۈبھىسىز پاكىت.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېڭىز-ئوكياننىڭ ئىسسىپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېڭىيىش ئېففېكتى دېڭىز يۈزى تەكشىلىكىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر ئاساسلىق ئامىل بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ئىسسىۋاتقان دېڭىز-ئوكيان دېڭىز يۈزى تەكشىلىكىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر