1-ئاينىڭ 20-كۈنى، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان تۈركىيەنىڭ كۈتاھيا ئۆلكىسىدە سۆز قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 20- يانۋار، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئافرىنغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.
شۇ كۈنى ئەردوغان تۈركىيەنىڭ كۈتاھيا ئۆلكىسىدە سۆز قىلىپ: ھازىر سۇرىيەنىڭ ئافرىندىكى يەر يۈزى ھەرىكىتى «ئەمەلىيەتتە باشلاندى»، تۈركىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداپ، چېگرا رايونلاردىكى تېررورچىلارنى تازىلاش ئىرادىسى بار، دېدى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ، ئالاقىدار ھەربىي ھەرىكەتنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. باياناتتا: بۇ ھەرىكەت «قانۇنلۇق قوغدىنىش ھەرىكىتى»، تۈركىيە «سۇرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدۇ»، دېيىلدى.
تۈركىيە يېقىندا سۇرىيەنىڭ ھەلەب ئۆلكىسىدىكى تۈركىيە بىلەن چېگرالىنىدىغان ئافرېن رايونىدا شىددەتلىك توپقا تۇتۇپ، سۇرىيە كۇرد قوراللىق كۈچى «خەلقنى قوغداش قىسمى»غا زەربە بەردى، «خەلقنى قوغداش قىسىمى» قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، سۇرىيە ھۆكۈمىتىمۇ تۈركىيە تەرەپنى ئۇرۇش پەيدا قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.
19-يانۋار، «خەلقنى قوغداش قىسىمى» بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ 18-يانۋار يېرىم كېچىدىن باشلاپ ئافرىن رايونىدىكى نەچچە نىشاننى توپقا تۇتۇپ، شۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ مال- مۈلكىنى زىيانغا ئۇچراتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ تۈركىيە تەرەپنىڭ توپقا تۇتۇشىغا قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
سۇرىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى فايسال مېكېداد 18-يانۋار: ئەگەر تۈركىيە سۇرىيەگە ھەرقانداق تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى ياكى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىدىكەن، سۇرىيە مۇناسىپ قايتۇرما زەربە بېرىدۇ، ئەگەر تۈركىيە خەلقئارا قانۇننى كۆزگە ئىلماي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇرۇش قوزغايدىكەن، سۇرىيەنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق دەپ قارىلىدۇ، دېدى.
تۈركىيە سۇرىيە «خەلقنى قوغداش قىسىمى»نى كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ سۇرىيەدىكى تارمىقى دەپ قارايدۇ. كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسى 1979-يىلى قۇرۇلغان، قورال كۈچى ئارقىلىق تۈركىيە بىلەن ئىراق، ئىران ۋە سۇرىيە چېگراسىدىكى كۇردلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى