باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇنەندە قانۇن چىقىرىلىپ، يەسلىلەرنى نازارەت قىلىش ئاتا-ئانىلارغا ئېچىۋېتىلىدىغان بولدى

2018.01.19 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ھەر قايسى جايلاردىكى يەسلىلەردە بالىلارنى خورلاش ۋەقەلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى. قانداق قىلىپ يەسلىلەردىكى بالىلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن زەخىملىنىش ھادىسىسى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمئىيەتنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولۇپ قالدى. بۇنىڭغا قارىتا، خۇنەن ئۆلكىسىدە بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، يەسلىلەردە كۆرۈنمە چاستوتىلىق نازارەت قىلىش سىستېمىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى بەلگىلەش بىلەن بىللە بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئېچىۋېتىلىدىغان بولدى.

  يېقىندا، خۇنەن ئۆلكىلىك 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 35-يىغىنىدا، گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ «خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن زەخىملىنىش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش نىزامى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى 2-قېتىم قاراپ چىقىش نۇسخىسى)»غا قاراپ چىقىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يەسلىلەردىكى بالىلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن زەخىملىنىش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتا مەخسۇس قوشۇمچە بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، يەسلىلەرنىڭ تەربىيەلەش، مائارىپ، ئۆي ئىشلىتىش بىخەتەرلىكى، سەھىيە، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئاپىرىپ- ئەكىلىش، كۆرۈنمە چاستوتىلىق نازارەت قىلىش ھەمدە ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسئۇلىيىتى قېلىپلاشتۇرۇلدى.

  2-قېتىم قاراپ چىقىش نۇسخىسىدا، يەسلىلەردىكى خورلاش، كەمسىتىش، تەن جازاسى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بېرىش، بالىلارنى ھاقارەتلەش قاتارلىق بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىشنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىش كېرەكلىكى، يەسلىلەرنىڭ كۆرۈنمە چاستوتىلىق نازارەت قىلىش سىستېمىسىنىڭ بالىلار پائالىيەت ئۆيى، ياتاق، تازىلىق ئۆيى، ساغلاملىق ئۆيى، ئۇنىۋېرسال پائالىيەت ئۆيى، دالا پائالىيەت سورۇنى قاتارلىق رايونلارنى قاپلىشى ھەمدە بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ئېچىۋېتىلىدىغانلىقى بەلگىلەندى.

  2-قېتىم قاراپ چىقىش نۇسخىسىغا ئاساسەن، يەسلىلەرنىڭ بالىلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئۆي ۋە كۆڭۈل ئېچىش مەيدانلىرىنى 4-قەۋەت ۋە تۆت قەۋەتتىن يۇقىرى ياكى يەر ئاستى، يېرىم يەر ئاستى ئىمارەت ئىچىدە تەسىس قىلىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ يەسلىلەردە ئىشلەتكەن ئۈسكۈنە-ئەسلىھەلەر، ئويۇنچۇق ۋە ئوقۇتۇش قوراللىرىنىڭ ماتېرىياللىرى دۆلەتنىڭ تازىلىق ئۆلچىمى ۋە بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك؛ زەھەرلىك، زىيانلىق ماددىلاردىن ئوقۇتۇش قوراللىرى ۋە ئويۇنچۇق ياساش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ؛ بالىلار مائارىپ قانۇنىيىتىگە خىلاپ، بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيانلىق مۇسابىقە، ئويۇن ياكى مەشىقلەرنى ئېلىپ بېرىشقا بولمايدۇ؛ يەسلىلەر بالىلارنى نۇقتىلىق ئادەم بېكىتىپ ۋە ۋاقىتنى مۇقىملاشتۇرۇپ ئاپىرىپ-ئەكىلىشتەك ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش تۈزۈمى ئورنىتىشى لازىم، بالىلارنى بالىلارنىڭ ۋەسىيسى ياكى ئۇ ھاۋالە قىلىنغۇچىدىن باشقىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشكە بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر