باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە پىكىر بېسىپ تارقاتتى

يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىدىن قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قەرز ئېلىشىغا بولمايدۇ

2018.01.19 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەسەيتىش ئۈچۈن، جۇڭگو سۇغۇرتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىكتە «سۇغۇرتا مەبلىغىنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇش، قوللاشنى كۈچەيتىپ، يەرلىكنىڭ قەرز خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەسەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىپ، يەرلىكنىڭ قەرز خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەسەيتىشىگە مەدەت بەردى.

  «پىكىر»دە سۇغۇرتا مەبلىغىدىن پايدىلىنىشنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرز ئېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەرىكىتىگە چېتىلىدىغان سىياسەت چېگراسى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، سۇغۇرتا مەبلىغى بىلەن مەبلەغ سېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قەرز ئېلىشقا كېپىللىك قىلىش قىلمىشىنى قەتئىي توسۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «پىكىر»دە سۇغۇرتا مەبلىغى سېلىنمىسىدا خەلق ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئۇل ئەسلىھە، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھۆكۈمەت مەبلەغ سالىدىغان تۈرلەرنى قوللاپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە بەرمەسلىك؛ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىدىن قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ياكى باشقىچە يول بىلەن قەرز ئالماسلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرى يەرلىك ھۆكۈمەتكە قارىتىلغان ساقلانما مىقدارلىق مەبلەغ سېلىش كەسپىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى شىركىتى ئارقىلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەرلىك ھۆكۈمەتكە بېرىلىدىغان قەرزنى كۆپەيتسە بولمايدۇ؛ يەرلىك ھۆكۈمەت بەلگىلىمە بويىچە مالىيە ۋە قەرز ئېلىش ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاپ، سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرى يېڭىلىق يارىتىلغان كەسپلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بەلگىلىمە بويىچە قانات يايدۇرۇشى كېرەك، ئەمما پاي ھوقۇقى سېلىنما پىلانى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى بىلەن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەرلىككە قەرز بەرسە بولمايدۇ. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سۇغۇرتا ئاپپاراتىنى كىرگۈزۈش قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپىتال نامىدا قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ياكى باشقىچە يول بىلەن قەرز ئېلىپ يېڭى تۈرنى يولغا قويۇشى، يېڭى ئىش باشلىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر