1-ئاينىڭ 18-كۈنى، تۈركىيەنىڭ ترابزوندا، ئۇچۇش يولىدىن تېيىلىپ چىقىپ كەتكەن بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى دېڭىز قىرغىقىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ چىقىرىلدى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 13-يانۋار يېرىم كېچىدە مەزكۇر دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ترابزون ئايرودرومىغا قونغاندا ئۇچۇش يولىدىن تېيىلىپ چىقىپ، قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالدى. يولۇچىلار ئايروپىلانى قاراشلىق تۈركىيە فېيما ئاۋىياتسىيە شىركىتى 14-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئايروپىلاندىكى 162 يولۇچى ۋە ئالتە نەپەر ئايروپىلان خادىمى جىددى تارقاقلاشتۇرۇلدى، ھېچقانداق ئادەم يارىلىنىش بولمىدى، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى