1-ئاينىڭ 17-كۈنى، نەنجىڭ تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسىدىكى دېلو بېجىرگۈچى ساقچىلار ساختا بېلەت قاتارلىق دېلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى سانىماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، نەنجىڭ تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى بىر قېتىملىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش ساختا بېلىتى ياساش دېلوسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلىپ، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ چاڭجۇدىكى بىر ساختا پويىز بېلىتى ياساش قارا ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىىپ، جۇ فامىلىلىك جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى، نەق مەيداندا 425 پارچە ساختا پويىز بېلىتى، يېرىم تەييارلانغان 2300 پارچە ساختا پويىز بېلىتى، بىر دانە ساختا بېلەت ياساش كومپيۇتېرى، بىر دانە پرىنتېرنى قولغا چۈشۈردى. دېلوغا چېتىشلىق سومما 440 مىڭ يۈەن بولۇپ، نۆۋەتتە، جىنايەت گۇماندارى نەنجىڭ تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى، دېلو ھازىر داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى