باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

قازاقىستاننىڭ بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىپ، 52 ئادەم قازا قىلدى

2018.01.19 14:44   مەنبە: خەلق تورى

قازاقىستاننىڭ بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىپ، 52 ئادەم قازا قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستان ھۆكۈمەت تەرەپ تەمىنلىگەن بۇ سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، 1- ئاينىڭ 18- كۈنى، قازاقىستانسدا، بىر ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى كۆيۈپ يانغىن ئىچىدە تۇرماقتا.

  قازاقىستاندىن رۇسىيەگە قاراپ يولغا چىققان بىر چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا 18- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن قازاقىستاننىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئاقتۆپەنىسكى ئوبلاستى چېگراسى ئىچىدە ئوت كېتىپ، ئاپتوبۇستىكى 52 ئادەم قازا قىلغان.

  قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى جىددىي ئەھۋال كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ئىمانكۇلوۋ مۇندا دېدى: ئۇ ئاپتوبۇسقا ئىككى نەپەر شوپۇر ۋە 55 نەپەر يولۇچى قوشۇلۇپ، جەمئىي 57 نەپەر كىشى ئولتۇرغان. دەسلەپكى خەۋەرگە قارىغاندا، قازا قىلغان 52 كىشىنىڭ ھەممىسى ئۆزبېكىستانلىق ئىكەن، يارىلانغان يەنە بەش كىشى ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا. قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاقتۆپەنىسكى ئوبلاستى جىددىي ئىشلار ئىدارىسىدا ۋاقىتلىق قوماندانلىق شتابى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار بۇ قېتىمقى ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدىكەن.

  قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى جىددىي ئەھۋال كومىتېتى تەمىنلىگەن سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يولۇچىلار ئاپتوموبىلى كۆيۈپ تۈگەپ، پەقەت قۇرۇق جازىسىلا قالغان. نۆۋەتتە، قازاقىستان جىددىي ئەھۋال كومىتېتى بۇ چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىغا ئوت كېتىشنىڭ سەۋەبىنى تېخى ئاشكارىلىمىغان.

  دوكىلاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزبېكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقى بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلەشنى بۇيرۇدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·خۇنەندە قانۇن چىقىرىلىپ، يەسلىلەرنى نازارەت قىلىش ئاتا-ئانىلارغا ئېچىۋېتىلىدىغان بولدى
    ·قازاقىستاننىڭ بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىپ، 52 ئادەم قازا قىلدى 
    ·شىنجاڭدىكى 20 ئالىي كەسپىي مەكتەپلەردە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش خىزمىتى باشلان…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاق-پەزىلىتى قىزىل سىزىقىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ، ئۇقۇغۇچىلارغ…
    ·نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكەن يىلى ياردەم بېرىلگەن ئوقۇغۇچى480 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتتى
    ·قازاقىستاننىڭ پولات-تۆمۈر شەھىرىدە «قارا قار» ياغدى
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي كەسپىي (مەخسۇس كۇرستىكى) مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ت…
    ·مائارىپتىكى كەمتۈكلۈك تولۇقلىنىدۇ: يىل ئاخىرىغىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 66 دىن كۆپ ئوقۇغۇ…
    ·بۇ يىل يەسلى مائارىپى مۇنداق بولىدۇ (سىياسەت يەشمىسى . دىققەتنى ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا، دەردىگە مۇجەسسە…
    ·چىرا ناھىيەسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان 130 ئوقۇغۇچىغا 780 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى تارقاتتى