باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، «گوۋۇيۈەننىڭ <مەمۇرىي نىزام تۈزۈش تەرتىپى نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «گوۋۇيۈەننىڭ <بەلگىلىمە تۈزۈش تەرتىپى نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» نى ئېلان قىلدى

2018.01.17 17:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، «گوۋۇيۈەننىڭ <مەمۇرىي نىزام تۈزۈش تەرتىپى نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «گوۋۇيۈەننىڭ <بەلگىلىمە تۈزۈش تەرتىپى نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» نى ئېلان قىلدى، 2018-يىلى 1-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان «مەمۇرىي نىزام تۈزۈش تەرتىپى نىزامى» ۋە «بەلگىلىمە تۈزۈش تەرتىپى نىزامى»قانۇن چىقىرىش قانۇنىنىڭ يانداش نىزامى بولۇپ، 2002-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. بۇ ئىككى نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىكى ئومۇمىي پىكىر يولى مۇنداق: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، 2015-يىلى 3-ئايدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن قانۇن چىقىرىش قانۇنى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار ھۆججىتىنىڭڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان نىزام ئىجرا قىلىنغاندىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىدىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، نىزام چىقىرىش ئەمەلىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر