نۆلدىن تۆۋەن 30 سېلسىيە گرادۇسمۇ بالىلارنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزىقىشىنى توسالمايدۇ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-يانۋار «قار-مۇز ساياھىتى قىلىپ، مىللىيچە ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلىش، بالىلىقنى ئەسلەش» تېمىسىدىكى بورچىن ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك «قىروۋ بايرىمى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، 1000دىن ئارتۇق ساياھەتچى نەق مەيدانغا كېلىپ قىروۋ تاماشىسى قىلىپ، قار-مۇز پائالىيەتلىرىدىن ھۇزۇرلاندى.
نەق مەيداندا مۇز تېيىلىش، قار چانىسى ھەيدەش، مۇز ئۈستىدە ۋېلسىپىت ھەيدەش قاتارلىق كۆپ خىل قار-مۇز پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى، كىچىك بالىلار مەيداندا ئەركىن ئوينىشىپ، قار-مۇزلۇق بۇ جاينى بالىلار باغچىسىغا ئايلاندۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق «قىروۋ بايرىمى»دا قارلىق مىللىي ئۆرپ-ئادەت تەنھەرىكەت يىغىنى، قار-مۇز كۆرىكى، سۈرەتكە تارتىش، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، «قاردىكى قىزىقارلىق پائالىيەتلەر» قىشلىق لاگېرى قاتارلىق ئون نەچچە خىل پائالىيەتلەر بار بولۇپ، 2-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى