باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى

2018.01.22 10:00   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

  ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنى 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

  «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى قىسمەن مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» ماقۇللاندى

  ئومۇمىي يىغىن مۇنداق چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 19- يانۋار تېلېگراممىسى. ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

  (2018- يىلى 1- ئاينىڭ 19- كۈنى ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2- ئومۇمىي يىغىنى 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

  ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىدىن 203 كىشى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرىدىن 172 كىشى قاتناشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئارىسىدىكى ئاساسىي قاتلامدىكى قىسمەن يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارمۇ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

  ئومۇمىي يىغىندا «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى قىسمەن مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، جاڭ دېجياڭ «تەكلىپ(لايىھە)» توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىنغا چۈشەنچە بەردى.

  ئومۇمىي يىغىن بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئۆگىنىش، تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغاپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىدىيەسى تېخىمۇ بىرلىككە كېلىپ، ئىشەنچىسى تېخىمۇ چىڭىپ، ھەرىكىتى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا گۈللەپ ياشنىغان تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى.

  ئومۇمىي يىغىن مۇنداق دەپ قارىدى: ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزىدىغان باش نىزامنامە، پارتىيە ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى. ھازىرقى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تارىخىي مۇساپىسىدە، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدە ناھايىتى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىگە كۈچلۈك مەدەت بولدى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇش مۇساپىسىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى كۈچلۈك قوغدىدى. ئەمەلىيەت دۆلىتىمىز ھازىر يولغا قويۇۋاتقان ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا، ئەمەلىيەتكە، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياخشى ئاساسىي قانۇن ئىكەنلىكىنى، خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ دېموكراتىيە ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىدىغان، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى تولۇق قوغدايدىغان ياخشى ئاساسىي قانۇن ئىكەنلىكىنى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلققە بەختلىك تۇرمۇش يارىتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ياخشى ئاساسىي قانۇن ئىكەنلىكىنى، دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىق، خەۋپ- خەتەر ۋە سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، باشتىن- ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى تۈپ قانۇنچىللىق كاپالىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى قوغداش دۆلەت قانۇنچىلىقىنىڭ بىرلىكى، ھۆرمىتى، نوپۇزىنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، شۇنداقلا خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

  ئومۇمىي يىغىن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بەردى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش مۇساپىسىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن سالماقتا ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتە، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتنى بىر گەۋدە قىلىشتا، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە، دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن قائىدە ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا ئەمەل قىلىشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن قائىدىسى سىستېمىسى، قانۇن ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇش سىستېمىسى، قانۇن ئىدارە قىلىشنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى، قانۇن ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسى ۋە پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ئۆزئارا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇلۇشىدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  ئومۇمىي يىغىن مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيەمىز ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم ئورنى ۋە رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا، ئاۋۋال دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى، ھاكىمىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشتا، ئالدى بىلەن ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بىر قاتار كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  ئومۇمىي يىغىن مۇنداق دەپ قارىدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى چوقۇم پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىدۇ، تەرەققىي قىلىدۇ. بۇ، دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇن تەرەققىياتىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا تۈپ قانۇنىيىتى. 1954- يىلى دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئاساسىي قانۇنى بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىزدىنىش ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىش باسقۇچىدا تۇرۇپ كەلدى. 1982- يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە تەرەققىياتىغا ئاساسەن، 1988- يىلى، 1993- يىلى، 1999- يىلى، 2004- يىلى تۆت قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى پارتىيەمىزنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان ئەمەلىي ئىزدىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دەۋرنىڭ تەرەققىياتى، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىدۇ.

  ئومۇمىي يىغىن مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلق ياراتقان ئۇلۇغ نەتىجە ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ قېلىپلاشتۇرۇش، يېتەكلەش، ئىلگىرى سۈرۈش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئەمەلىي تەرەققىياتنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، بۇ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي يۆنىلىشى. يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ۋە يېڭى ۋەزىپىسىگە ئاساسەن، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا مۇۋاپىق تۈزىتىش كىرگۈزۈش زۆرۈر. 2004- يىلى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يەنە نۇرغۇن مۇھىم تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش بولدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بەرپا قىلدى، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈردى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈردى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، يېڭى كۈرەش نىشانىنى بېكىتتى. ئاساسىي قانۇننىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى زور رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇنغا مۇۋاپىق تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا نەزەرىيە، ئەمەلىيەت، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن زور يېڭى نەتىجىلىرىنى ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش زۆرۈر.

  ئومۇمىي يىغىن مۇنداق قارىدى: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىيىتى ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان زور تەدبىرى، شۇنداقلا دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور تەدبىر. بۇ قېتىم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن زور نەزەرىيەۋى نۇقتىئىنەزەرنى ۋە زور فاڭجېن، سىياسەتنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى يېڭى نەتىجە، يېڭى تەجرىبە، يېڭى تەلەپنى نامايان قىلىپ، دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ سىجىللىقى، مۇقىملىقى، نوپۇزىنى ئومۇميۈزلۈك ساقلاش ئاساسىدا، ئاساسىي قانۇننىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، مۇكەممەللىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.

  ئومۇمىي يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزگەندە چوقۇم تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك: پارتىيە رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇش؛ قەتئىي ھالدا قانۇنغا ئاساسەن تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىش؛ دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش؛ ئاساسىي قانۇنغا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈش، كۆپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەسلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەم پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە مايىللىشىپ، ھەم ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ سىجىللىقى، مۇقىملىقى ۋە نوپۇزىنى ساقلاش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىن مۇنداق قارىدى: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئومۇمىيەتكە چېتىلىدۇ، تەسىرى كەڭ ھەم چوڭقۇر. قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، دېموكراتىك يول بىلەن چىقىرىش، قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى سىياسىي، ئومۇمىيلىق، ئىستراتېگىيە جەھەتتە تەھلىل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەسىلىلەرنى ئاساسىي قانۇن تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتى ۋە ئىچكى تەلىپىدىن ئويلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىن مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، ھازىرقى جۇڭگونىڭ ماركسىزمى، 21- ئەسىردىكى ماركسىزم، پارتىيە ۋە دۆلەت چوقۇم ئۇزاق مەزگىل چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى بولۇپ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چوقۇم چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، 2020- يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، 2035- يىلىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەشتە زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ئورتاق پايدا ئېلىشتەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىنسانىيەتنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يۈكسەك ئىشلاردا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك زور سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۆزىنى نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىشتىكى زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرما، پارتىيە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمەت ئاپپاراتىنى قانۇن بويىچە قۇرۇپ، مەركەزلىك بىرلىككە كەلگەن، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسى ئورنىتىپ، ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىشنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈرلۈك تۈزۈم ۋە قانۇن- نىزاملىرىنىڭ ئومۇمىي ئاساسى بولۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ زور تۈزۈم، بەلگىلىمىسىنى تولۇقلاش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئومۇمىي يىغىن مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساسىي قانۇننىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇنى يولغا قويۇشتا، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىمۇ ئۇنى يولغا قويۇشتا. ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغدىغانلىق، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنىڭ نوپۇزىنى قوغدىغانلىق؛ ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت- ئابرۇيىنى قوغدىغانلىق، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنىڭ ئىززەت- ئابرۇيىنى قوغدىغانلىق؛ ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىق، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغانلىق. بۇ قېتىم ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا ئەمەل قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسلىنىدىغان قانۇن بولۇش، قانۇن بولغان ئىكەن جەزمەن ئاساس قىلىش، قانۇننى ئىجرا قىلىشتا جەزمەن قاتتىق بولۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەتلەش، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇنغا ئەمەل قىلىش، ئاساسىي قانۇننى قوغداش، ئاساسىي قانۇندىن پايدىلىنىش تەشۋىقات- تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇنغا، قانۇنلارغا خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك دۆلەت خىزمەتچىلىرى، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئاساسىي قانۇن قارىشىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ھوقۇقىنى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار بويىچە يۈرگۈزۈشى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى، ئۆز ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇندىشى، پاك- دىيانەتلىك بولۇشى، خەلقنىڭ نازارەت قىلىشىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى، ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى، سۆزنى قانۇن قىلىۋېلىشقا، ھوقۇق ئارقىلىق قانۇننى بېسىشقا، مەنپەئەتنى دەپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇشقا قەتئىي يول قويماسلىقى كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق، بارلىق دۆلەت ئاپپاراتلىرى ۋە قوراللىق كۈچلەر، ھەرقايسى پارتىيەلەر ۋە ھەرقايسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ھەرقايسى كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار چوقۇم ئاساسىي قانۇننى تۈپ ھەرىكەت مىزانى قىلىشى كېرەك، ئۇلارنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى قوغداپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى بار، ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردىن ھالقىغان ئىمتىيازى يوق، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىدىغان بارلىق قىلمىشلارنى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىن مۇنداق چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·خۇنەندە قانۇن چىقىرىلىپ، يەسلىلەرنى نازارەت قىلىش ئاتا-ئانىلارغا ئېچىۋېتىلىدىغان بولدى
    ·جۇڭگو ئۆسمۈرلەر مەركىزى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنىڭ ئوينايدىغان…
    ·قازاقىستاننىڭ بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىپ، 52 ئادەم قازا قىلدى 
    ·بېيجىڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەنبەسى كېڭەيتىلىپ كەمچىل بولۇۋاتقان پەنلەرگە …
    ·شىنجاڭدىكى 20 ئالىي كەسپىي مەكتەپلەردە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا تىزىملىتىش خىزمىتى باشلان…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاق-پەزىلىتى قىزىل سىزىقىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ، ئۇقۇغۇچىلارغ…
    ·نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكەن يىلى ياردەم بېرىلگەن ئوقۇغۇچى480 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتتى
    ·قازاقىستاننىڭ پولات-تۆمۈر شەھىرىدە «قارا قار» ياغدى
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي كەسپىي (مەخسۇس كۇرستىكى) مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ت…
    ·مائارىپتىكى كەمتۈكلۈك تولۇقلىنىدۇ: يىل ئاخىرىغىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 66 دىن كۆپ ئوقۇغۇ…