باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەنبەسى كېڭەيتىلىپ كەمچىل بولۇۋاتقان پەنلەرگە مىڭ نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ

2018.01.19 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ «بېيجىڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەنبەسىنى كېڭەيتىش ھەركەت پىلانى ۋە ئىلىم-پەن تىپىدىكى ئاسپىرانت ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش دەرسى ئوقۇشىغا سەپەرۋەرلىك قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى»دىن ئىگىلىشىچە: بېيجىڭ شەھىرى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئاشكارا قوبۇل قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئوقۇتقۇچىلار باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىنى ئسلاھ قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى تېز ھەل قىلماقچى ئىكەن.

  ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، بېيجىڭ شەھىرى تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللار ئارقىلىق، يەنى ئۈچ مەكتەپتە پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئالاقىدار پەن مائارىپ كەسپىدىكى (پېداگوگىكا) ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆپەيتىشىنى قوللاش، ئالاقىدار مەكتەپلەرگە پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلەشنى ھاۋالە قىلىش، مۇناسىۋەتلىك كەسپىي مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ۋە ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى نىشانلىق تەربىيەلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، پىداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش كۆلىمىنى كېڭەيتىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇۋاتقان پەنلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ئاشكارا قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر رايونىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇۋاتقان پەنلەرگە ئاشكارا ھالدا ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، 2018- يىلىدىن 2020- يىلىغىچە، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى تارىخ، جۇغراپىيە ۋە بىئولوگىيە قاتارلىق ئوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇۋاتقان پەنلەرگە 1000 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىكەن، ھەمدە بېيجىڭغا كىرىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولىدىغان كۆرسەتكۈچكە ئالدىن كاپالەتلىك قىلىپ، ھەرقايسى رايونلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەر ۋە جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن ھالدا قوقۇتقۇچى كەمچىل بولۇۋاتقان پەنلەرگە قوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشىنى قوللايدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېيجىڭ شەھىرى يەنە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ «رايون باشقۇرۇش، مەكتەپ تەكلىپ قىلىش» تۈزۈمىنىڭ ئىسلاھاتىدا ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئادەم ئىشلىتىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تۆھپە قوشۇشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش روھى بار ۋە تەن ساغلاملىقى ياخشى بولغان پېنسىيەگە چىققان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنى يېزا-كەنتلەردىكى ۋە ئاساسىي قاتلاملاردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ مەدەت بېرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر