باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسى دوكلاتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قەستەن بۇرمىلىغان، دېدى

2018.01.23 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان «دۆلەت مۇداپىئە ئىستىراتېگىيەسى» دوكلاتىغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 22-يانۋار قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ دوكلاتتا جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتى قەستەن بۇرمىلانغان بولۇپ، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى رىقابىتىنى مۇبالىغە قىلىپ، نېگىزلىك خاتالىق سادىر قىلدى.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 19-يانۋار ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتىدىكى جۇڭگوغا ئالاقىدار قىسمىدا جۇڭگونى ئەيىبلىگەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتى ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى ئېلىش، دەپ قارىغان.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا تەرەپنىڭ يۇقىرىدىكى دوكلاتى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە ‹تىنچسىزلىق› تاكتىكىسىدىن ئىبارەت ۋاقتى ئۆتكەن قاراشقا تولغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قەستەن بۇرمىلاپ، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى رىقابىتىنى مۇبالىغە قىلىپ، نېگىزلىك خاتالىق سادىر قىلدى».

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا ئېغىشماي ماڭىدۇ، باشتىن-ئاخىر قوغدىنىش خاراكتېرلىك دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ، باشتىن-ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، دۇنيا تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدۇ، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتكە ئايان.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: «زادى كىم خەلقئارا قائىدىنى مۇۋاپىق كەلسە ئىشلىتىپ، مۇۋاپىق كەلمىسە ۋاز كېچىۋاتىدۇ؟ كىم ھە دېسىلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، ھەتتا قورال كۈچى ئارقىلىق تەھدىت سېلىۋاتىدۇ؟ شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر خەلقى بۇنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈپ تۇرماقتا، ھەققانىي يەكۈن چىقىرالايدۇ».

  خۇا چۈنيىڭ: «بىز ئامېرىكىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەت تەپەككۇرىنى تاشلاپ، ھازىرقى دۇنيا ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە توغرا قاراپ، جۇڭگونىڭ ئىستىراتېگىيەلىك مۇددىئاسىنى بۇرمىلاشنى توختىتىپ، جۇڭگو بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، دىققەتنى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىختىلاپنى تىزگىنلەپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، مانا بۇ جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان توغرا تاللاش»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر