باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرىنىڭ 2–نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2018.01.23 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرىنىڭ 2-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى چىلىدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2015-يىلى 1-ئايدا تۇنجى نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم يولغا ئايلىنىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىشى ۋە بىر-بىرىگە تايىنىشى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشماقتا، ئىنسانىيەت نۇرغۇن ئورتاق خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، ھەممىسى ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ۋە خەلقنىڭ بەختىنى قولغا كەلتۈرۈش بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز. جۇڭگو خەلقى لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دېڭىزى رايونىدىكى ھەر قايسى ئەل خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىختا جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى «تىنچ ئوكيان دېڭىز يىپەك يولى»نى ئاچقان. ھازىر ئىككى تەرەپ بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش يېڭى پىلانىنى تۈزۈپ، تىنچ ئوكياندىن ھالقىغان ھەمكارلىق يولى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىدىن ئىبارەت ئىككى مۇنبەت زېمىننىڭ ئالاقىسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى باشلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر