باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى

2018.01.23 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 1-ئاينىڭ 22-كۈنى گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلىپ، ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن دۆلەت پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ئارقا كۆرۈنۈشتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە يىغىن. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاساسىي قانۇننىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن مۇھىم رولى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مىسلىسىز كۈچ بىلەن دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى شۇنداقلا پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇپ، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى قىسمەن مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن مۇھىم نەزەرىيەۋى قاراش ۋە مۇھىم فاڭجېن سىياسەتلەر بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىغا كىرگۈزۈش بېكىتىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكى تەكىتلەندى. بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىيىتى ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان زور تەدبىرى، شۇنداقلا دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور تەدبىر. گوۋۇيۈەن پارتگۇرۇپپىسى تولۇق ھىمايە قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر