باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يېڭى بىر تەتقىقات: ھازىرقى زاماندا كىشىلەر 10 ياشتىلا بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىگە قەدەم قويۇپ، بۇ مەزگىل 24 ياشتا ئاندىن ئاخىرلىشىدىكەن

2018.01.22 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاۋسترالىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەر 10 ياشتىلا بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىگە قەدەم قويۇشقا باشلايدىكەن، ھەمدە بۇ مەزگىل تاكى 24 ياشقا كىرگەندە ئاندىن ئاخىرلىشىدىكەن. ئەمما بۇنىڭدىن ئىلگىرى 19 ياشتىلا كىشىلەر بالاغەت مەزگىلى بىلەن خوشلاشتى، دېيىلەتتى.

  تەتقىقات تۈرىنىڭ باشلامچىسى، ئاۋسترالىيە مېلبۇرن بالىلار دوختۇرخانىسى ياش ئۆسمۈرلەر ساغلاملىق مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۇسان مۇنداق دېدى: گەرچە قۇرامىغا يەتكەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەتبىقلايدىغان قانۇنىي ھوقۇقى 18 ياشتىن باشلىنىدىغان بولمىسىمۇ، بىراق ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئادەتتە يېشى تېخىمۇ چوڭراق بولغاندا ئاندىن قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ رولىنى ئېلىشقا باشلايدۇ ھەمدە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  ئەنگىلىيەدە چىقىدىغان «نەشتەر. بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر ساغلاملىقى» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتتا مۇنداق دېيىلگەن: ھازىر ياشلارنىڭ مائارىپ كۆرۈش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ توي قىلىپ بالىلىق بولۇش يېشىمۇ كېچىككەن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ بالاغەتلىك مەزگىلىمۇ ئۇزارغان بولىدۇ. فىزىيولوگىيەلىك جەھەتتىكى بەزى دەلىل-ئىسپاتلاردىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ بالاغەتلىك مەزگىلى دەرۋەقە كېچىككەن. مەسىلەن، چوڭ مېڭە 20 ياشتىن كېيىنمۇ يەنىلا داۋاملىق تەرەققى قىلىپ، ئىشلىشى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدىكەن، ھەتتا 25 ياشقا كىرگەندە ئاندىن ئەقىل چىشى ئۆسۈپ چىقىدىكەن.

  يەنە بىر تەرەپتىن، ئوزۇقلۇق مول بولۇش ۋە ساغلاملىق قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ بالاغەتكە يېتىشكە باشلاش مەزگىلى بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ بالدۇر بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار شۇنداق دەپ قارايدۇكى، بۇنىڭدىن كېيىن، قانۇنلارمۇ كىشىلەرنىڭ بالاغەتلىك مەزگىلىنىڭ ئۇزىرىشىغا ماسلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئەمما بەزى مۇتەخەسسىسلەر بولسا، بۇ خىل ئەھۋال ھازىرقى ياشلارنى تېخىمۇ «گىگانت بوۋاق» قىلىپ قويۇشى مۇمكىن، دەپ ئەندىشە قىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر