باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونىدا يېشى كىچىك ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن كېيىنكى ۋاقتىنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى

2018.01.22 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2018- يىلىدىن باشلاپ، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن كېيىن، داشىڭ رايونى تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن رايون دائىرىسىدە يېشى كىچىك ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن كېيىنكى ۋاقتىنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش يولغا قويۇلىدىغانلىقى بەلگىلەن بولۇپ، بۇ بەلگىلىمىنىڭ 2018- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە پۈتۈن رايوندىكى ھۆكۈمەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق بارلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەرنى قاپلاش ئۈمىد قىلىنغان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، « دەرستىن كېيىنكى ۋاقتىنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتى» داشىڭ رايونىدىكى ھۆكۈمەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ھالدا باشقۇرۇشىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1- يىللىقىدىن 4- يىللىققىچە بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ۋە يەسلىلەرگە قارىتىلىپ قانات يايدۇرغان بىر تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەت ئىكەن. نۆۋەتتە، بۇ مەكتەپلەر ئادەتتە سائەت ئۈچ يېرىمدا مەكتەپتىن قويۇپ بېرىلىدىكەن. «دەرستىن كېيىنكى ۋاقتىنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتى» سائەت ئالتە يېرىمغىچە داۋاملىشىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر