باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە چېگرا شەھىرىدە راكېتالىق بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراش يۈز بېرىپ، بىر ئادەم ئۆلدى، 23 ئادەم يارىلاندى

2018.01.22 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە - سۇرىيە چېگراسىغا جايلاشقان تۈركىيە ھاتاي ئۆلكىسى رەيخانلى شەھىرىدە 21- چېسلا راكېتالىق بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراش يۈز بېرىپ، بىر ئادەم ئۆلدى، 32 ئادەم يارىلاندى .

  رەيخانلى شەھىرىنىڭ باشلىقى ھۈسەيىن تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: ئۈچ دانە راكېتالىق بومبا سۇرىيە چېگراسى ئىچىدىن قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ ھۇجۇمنىڭ نەتىجىسى بۇ شەھەردىكى بىر كىشىنىڭ قازا قىلىشى، 32 ئادەمنىڭ يارىلىنىشى، ھەمدە بىر قىسىم ئۆيلەر ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈركىيە كىلىس ئۆلكىسى شۇ كۈنى سەھەردە سۇرىيە تەرەپتىن كەلگەن راكېتالىق بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر ئادەم يارىلانغان.

  تۈركىيە ئارمىيەسى 20- چېسلادىن باشلاپ سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئافرىنغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ، سۇرىيە كۇرد قوراللىق كۈچلىرى «خەلقنى قوغداش قىسىمى»غا زەربە بەرگەن.

  تۈركىيەنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر «خەلقنى قوغداش قىسىمى» بولسا، كورد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ سۇرىيەدىكى تارمىقى، ئىكەن. كورد ئىشچىلار پارتىيەسى 1979- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار قورال كۈچى ئارقىلىق، تۈركىيە، ئىراق، ئىران ۋە سۇرىيە قاتارلىق تۆت دۆلەتنىڭ چېگراسىدىكى كۇردلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا بىر مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بىر تەشكىلات. ئۇلار تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېررورچى تەشكىلاتلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر