باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ قورغاس چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ھاياتلىق ئۈچۈن «يېشىل يول» ئېچىپ بەردى

2018.01.23 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-يانۋار، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى قورغاس چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى ۋەتەنگە قايتىش يولىدا قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان ساياھەتچىگە يېشىل يول ئېچىپ بېرىپ، پەقەت 10 سېكۇنتتىلا چېگرادىن كىرىش-چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈشىنى تۈگىتىپ، يارىلانغان ساياھەتچى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئۇتۇپ بەردى.

  شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى قورغاس چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ تەكشۈرۈش خادىمى شۈ بو مۇنداق دېدى: 21-يانۋار چۈشتىن كېيىن سائەت 5 ئەتراپىدا، قازاقىستاندىن ۋەتەنگە قايتىۋاتقان ساياھەتچى تىلەك ياردەم سوراپ، چېگرا تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ ھازىرمۇ ھوشسىز ياتقان ئىنىسىنى تېز سۈرئەتتە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشىنى ئۆتۈندى.

  تىلەك مۇنداق دېدى: ھاۋارايى تۈپەيلى، ئىنىم قازاقىستاندا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىدى، ھازىر بەدىنىنىڭ كۆپ جايلىرى سۇنۇپ، غۇلجىغا داۋالىتىش ئۈچۈن جىددى ئېلىپ كېتىۋاتىمىز، ئەھۋالى ئىنتايىن خەتەرلىك.

  ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، قورغاس چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتى «ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، ئالاھىدە ئەھۋالنى ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىش» پىرىنسىپى بويىچە، جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى دەرھال يولغا قويۇپ، چېگرا ئېغىزىدا يولۇچىلار ئېقىمى زىچ، ساقچى كۈچى قىس بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئالاھىدە ھەرىكەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تەكشۈرۈش-كارانتىن قىلىش، تاموژنا قاتارلىق چېگرا ئېغىزى بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، بىرىنچى بولۇپ «يېشىل يول» ئېچىپ، پەقەت 10 سېكۇنتتا يارىدار ۋە بىللە كەلگەن باشقا ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىش-چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بەردى ھەمدە يارىلانغان يولۇچىنى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بار جايغىچە قوغداپ ئاپىرىپ قويدى.

  قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا چىقىش ئالدىدا، تىلەك شۈ بونىڭ قولىنى مەھكەم سىققان ھالدا : «رەھمەت! رەھمەت سىلەرگە! مەن ھەم ئىنىمغا ۋاكالىتەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن» ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر