باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك يەككە ئەمگەكچىلەر 5-قۇرۇلتىيىغا خەت ئەۋەتىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كارخانىچىلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۇختىلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

2018.01.23 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك يەككە ئەمگەكچىلەر 5-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان پەيتتە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قۇرۇلتايغا خەت ئەۋەتىپ،پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى يەككە، خۇسۇسىي كارخانا باشقۇرغۇچىلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزدىكى يەككە، خۇسۇسىي ئىگىلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ مەھسۇلى. 40 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىلھام بېرىشى، قوللىشى، يېتەكچىلىك قىلىشى، فاڭجېن-سىياسەتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يەككە، خۇسۇسىي ئىگىلىك مۇقىم ئېشىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى. ھازىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، دەل جايىدا يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش يەككە، خۇسۇسىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. يەككە، خۇسۇسىي كارخانا باشقۇرغۇچىلار پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كارخانىچىلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى پۇختىلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يەككە ئەمگەكچىلەر، خۇسۇسىي كارخانىلار جەمئىيىتى كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسەت، قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى ياخشى ئومۇملاشتۇرغۇچى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىلگىرى سۈرگۈچى، ئىقتىدار، ساپانى ياخشى ئۆستۈرگۈچى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تەشكىللىگۈچى بولۇپ، يەككە، خۇسۇسىي كارخانىلارغا تەرەققىيات سۇپىسى ھازىرلاپ، تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر