باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي ۋەزىپىنى ياخشى ئادا قىلىش كېرەك

2018.01.23 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سىياسىي-قانۇن خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان سىياسىي-قانۇن سېپىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە ئېنىق تەلەپ قويدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، سىياسىي-قانۇن سېپىدىكىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر قولدا ھازىرقى ئىشلارنى، يەنە بىر قولدا ئۇزاققا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۇتۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قوغداشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى سىياسىي-قانۇن سېپىدىكىلەرنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتتىكى ئالدىن كۆرەرلىك، تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمىن جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتتىق تەلەپلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي ۋەزىپىنى ياخشى ئادا قىلىپ، تىرىشىپ بىخەتەر سىياسىي مۇھىت، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت، قانۇنچىل ئادىل مۇھىت، ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت مۇھىتى يارىتىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار تەرەققىياتنى، مۇقىملىقنى تۇتۇشتا ئىككىلا قول قاتتىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنى ياخشى، كۈچلۈك سەپلەپ، سىياسىي-قانۇن ئورۇنلىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللاپ، سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنى چەكلەۋاتقان تۈزۈلمە-مېخانىزم مەسىلىلىرىنى پائال تەتقىق قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  مەركەز سىياسىي-قانۇن خىزمىتى يىغىنى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى گو شېڭكۈن يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ۋە سۆز قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر