- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بىر قەدەر سوغۇق ھاۋارايى يېتىپ كەلدى، 1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىمالىي شىنجاڭ رايونىدا تېمپېراتۇرا 8 سېلسىيە گرادۇستىن 10 سېلسىيە گرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ
2018.01.23 16:44 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-يانۋار، ئاپتونۇم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يەر يۈزى سوغۇق ھاۋا ماسسىسىنىڭ ئۇدا تەسىر كۆرسىتىشى ئاستىدا، 23-يانۋاردىن 28-يانۋارغىچە، شىمالىي شىنجاڭ رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 8 سېلسىيە گرادۇستىن 10 سېلسىيە گرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مۆلچەرلىنىشىچە، ئىلى ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالى قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شەرقى قىسمى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقى قىسمى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قىسمىدا تېمپېراتۇرا 10 سېلسىيە گرادۇستىن 12 گرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىنىڭ بىر كۈنلۈك ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 25 سېلسىيە گرادۇستىنمۇ تۆۋەن بولىدىكەن.
24 سائەت ئەڭ قاتتىق سوغۇق بولىدىغان جايلار تارباغاتاي ۋىلايىتى 23-يانۋار، ئىلى ئوبلاستى 23-يانۋار، 24-يانۋار، ئالتاي ۋىلايىتى، قۇمۇل شەھىرى 26-يانۋار ئىكەن.
1-ئاي كىرگەندىن بۇيان، يەر يۈزى سوغۇق ھاۋا ماسسىسىنىڭ تەسىرىدە، شىمالىي شىنجاڭ رايونلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى (نۆلدىن تۆۋەن 15.6 سېلسىيە گرادۇس) بولغان بولۇپ، ئاۋالقى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 2.7 سېلسىيە گرادۇس تۆۋەن بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر