1-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ نيۇيوركتا، ساياھەتچىلەر ئەركىنلىك ئىلاھى ھەيكىلى ۋە ئېللىس ئارىلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ بولغاندىن، كېيىن پاراخوتقا ئولتۇرۇپ قايتماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، نيۇيورك ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىشىكنى تاقىشى» سەۋەبلىك تاقالغان نيۇ يورك ئەركىنلىك ئىلاھى ھەيكىلى ۋە ئېللىس ئارىلى ساياھەتچىلەرگە قايتىدىن ئېچىۋېتىلدى. نيۇيورك ئىشتاتىنىڭ باشلىقى كومو ئالدىنقى كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئېچىلىشنى قامداشقا ھەر كۈنى تەخمىنەن 65 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى كېتىدۇ، دېدى. ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرۈشۈشىنى 2-ئاينىڭ 8- كۈنىگىچە قامداش ئۈچۈن، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسى 22-يانۋار مۇددىتى ئۈچ ھەپتىلىك بولغان ۋاقىتلىق پۇل ئاجرىتىش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچ كۈندىن بۇيانقى «ئىشىكنى تاقاش» قاتمال ۋەزىيىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى