1-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانژېلېس شەھىرىدە، كىنو تۈرىدىكى ئەڭ ياخشى كوللېكتىپ ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «ئۈچ پارچە ئېلان تاختىسى»نىڭ ئارتىسلىرى بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-نۆۋەتلىك ئامېرىكا كىنو- تېلېۋىزىيە ئارتىسلىرى جەمئىيىتى مۇكاپاتى 21-يانۋار لوس-ئانژېلېستا ئېلان قىلىندى. كىنو-تېلېۋىزىيە ئارتىسلىرى جەمئىيىتى مۇكاپاتىنى ئامېرىكا كىنو-تېلېۋىزىيە ئارتىسلىرى جەمئىيىتى تارقىتىدىغان يىللىق مۇكاپات تۈرى بولۇپ، 1995-يىلى تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان. بۇ مۇكاپات تۈرىنى پۈتۈنلەي ئارتىسلار بېلەت تاشلاپ باھالايدىغان بولۇپ، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئىپادىسى گەۋدىلىك كىنو- تېلېۋىزىيە ئارتىسلىرىنى تەقدىرلەشنى مەقسەت قىلغان. بۇ مۇكاپاتنىڭ ئورۇنلاش تۈرىدىكى مۇكاپات تۈرلىرى ئوسكار مۇكاپاتىنىڭ يۈزلىنىشىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى