باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ياپونىيە NHK تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 731 قىسىمىنىڭ جىنايىتىنى ئېچىپ بەرگەن جاسارىتىگە قايىل بولدۇق، دېدى

2018.01.23 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە NHK تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يېقىندا 731 قىسىمىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمىنى قويغانلىق ئىشىغا قارىتا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 22-يانۋار مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ياپونىيەدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلارنىڭ تارىخىي چىنلىقنى ئاشكارىلىيالايدىغان ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە يۈزلىنىيەلەيدىغان جاسارىتىگە قايىل، ياپونىيە تەرەپنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەققانىي سادالارغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شۇ كۈنلۈك قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا بىر مۇخبىر: ياپونىيە NHK تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 21-يانۋار كەچتە 731 قىسىمىنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمىنى قويۇپ، ياپونىيە 731 قىسىمىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىي رايونىدا مەخپىي ھالدا ئادەم بەدىنىدە تەجرىبە قىلىش، باكتېرىيە قوراللىرىنى تەتقىق قىلىشتەك ۋەھشى جىنايىتىنى تەپسىلىي ئاشكارىلىدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ ، دېدى.

  خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى جۇڭگو خەلقىگە كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان باكتېرىيە ئۇرۇشىنى قوزغىغان، بۇنىڭغا ئالاقىدار تارىخىي پاكىتلار پولاتتەك ئېنىق، ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: بىز ياپونىيە دۆلىتىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلارنىڭ تارىخىي چىنلىقنى ئېچىپ بېرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە يۈزلىنىدىغان جاسارىتىگە قايىل، ياپونىيە تەرەپنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەققانىي سادالارغا قۇلاق سېلىشىنى، ياپون مىلىتارىزمىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىنى توغرا ۋە چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭگو ۋە ئاسىيادىكى باشقا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ھېسسىياتىنى ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر