باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» نى بېسىپ تارقىتىپ، تور سودىسى بىلەن تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

2018.01.24 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تور سودىسى بىلەن تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ماس تەرققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ).

  «پىكىر» دە مۇنداق دېيىلدى: ئېلىمىزدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تور سودىسى بىلەن تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ماس تەرەققىياتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق سىياسەت، قانۇن-نىزام سىستېمىسى مۇكەممەل بولماسلىق، تەرەققىيات ماس بولماسلىق، تۇتىشىشى راۋان بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئالاقە تورى+ ئوبوروت» ھەرىكىتى پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تور سودىسى بىلەن تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ماس تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر» دە تۆۋەندىكى ئالتە جەھەتتىكى سىياسەت، تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماس تەرەققىياتقا ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن-نىزام مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەك. ئىككىنچى، پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، تور سودىسى ۋە تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، تىجارەتنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تور سودىسىنىڭ يەتكۈزۈش يوللىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچى، مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تېز يەتكۈزۈشنىڭ تېرمىنال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. بەشىنچى، ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ماس يۈرۈشۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالتىنچى، يېشىل ئىدىيەنى كۈچەيتىپ، يېشىل ئېكولوگىيە زەنجىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر