باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسىنىلىرىنى ياساپ بازارغا سېلىش تەييارلىقى پۈتتى

2018.01.23 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن بېيجىڭ كېسەللىك كونترول مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە: بېيجىڭ شەھىرىدە بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسىنىلىرى (ئۇ، ۋاكسىنىلار تەركىبىدە HPV ۋىروسىنىڭ تۆت خىل كەنجى تىپى بولغان ۋاكسىنىلار) ئۈچۈن خېرىدار چاقىرىش، بازارغا سېلىش ۋە مال بىلەن تەمىنلەش تەييارلىق خىزمىتى تاماملانغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ۋاكسىنىلار تەركىبىدە HPV ۋىروسىنىڭ ئىككى خىل كەنجى تىپى ۋە تۆت خىل كەنجى تىپىدىن ئىبارەت ئىككى خىل HPV ۋىروس تىپى بولغان ۋاكسىنىلار ئاھالىلەرنىڭ تاللاپ ئىشلىتىشىگە قويۇلغان. ۋاكسىنىلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ياشتىكى كىشىلەر ئاۋال ئۆزى تۇرۇشلۇق جايغا يېقىن ئەتراپتىكى ۋاكسىنا ئەملەش ئامبولاتورىيەلىرىدە ئالدىن كېلىشىپ قويغاندىن كېيىن ۋاكسىنا ئەملىتىشكە بولىدىكەن.

  نۆۋەتتە، بازارغا سېلىنغان ۋە ئىشلىتىشكە بولىدىغان بۇ ئىككى خىل كەنجى تىپتىكى ۋە تۆت خىل كەنجى تىپتىكىHPV ۋاكسىنىلىرىنى يۇقىرى خەتەرلىك HPV (16 تىپلىق ۋە 18 تىپلىق) ۋىروسلىرى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ۋە بالىياتقۇ بوينى ئېپتېلىيە ئۆسمىسىمان كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. ئىككى خىل كەنجى تىپلىق ۋاكسىنىلارنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى پۈتۈن مۇساپىسىدە ئۈچ ۋاكسىنا ئەمىنلەش لازىم ئىكەن. ئىككى خىل كەنجى تىپلىقHPV ۋاكسىنىلىرىنى ئەملەش ئوبيېكتلىرى بولسا، توققۇز ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ئاياللار توپى بولۇپ، ۋاكسىنا ئەملەش تەرتىپى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۇنجى قېتىمدا بىر تال، بىر ئايدىن كېيىن بىر تال ۋە ئالتە ئايدىن كېيىن يەنە بىر تال ئۇرۇش كېرەك ئىكەن. تۆت خىل كەنجى تىپلىق HPV ۋاكسىنىلىرىنى ئەملەش ئوبيېكتلىرى بولسا، 20 ياشتىن 45- ياشقىچە بولغان ئاياللار توپى بولۇپ، ۋاكسىنا ئەملەش تەرتىپى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۇنجى قېتىمدا، ئىككى ئايدىن كېيىن ۋە ئالتە ئايدىن كېيىن بىر تالدىن ئەملەش لازىم ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر