باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى: چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇقلار ئۈچۈن ۋىزا ۋە تۇرۇش قولايلىقى يارىتىپ بېرىلىدۇ

2018.01.23 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 22- يانۋار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ج خ مىنىستىرلىقى مەركەزلىك ھالدا يولغا قويغان چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى قولايلاشتۇرۇشتىكى سەككىز تۈرلۈك تەدبىرنى ئۇقتۇرىدى. يىغىندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى چۈ يۈنخەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 2018- يىلى 2- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى قولايلاشتۇرۇشتىكى سەككىز تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدا، چەتئەل تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇقلار ئۈچۈن ۋىزا ۋە تۇرۇش قولايلىقى يارىتىپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  چۈ يۈنخەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۇغقانلىرىنى يوقلاش، سودا كېڭىشى، مائارىپ-مەدەنىيەت-سەھىيە ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋە شەخسىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلمەكچى بولغان چەتئەل تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇقلارغا قارىتا، جامائەت خەۋپسىزلىكى چېگرىدىن كىرىش-چىقىشنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى بەلگىلىمە بويىچە، بەش يىل ئىچىدە كۆپ قېتىم چېگرادىن كىرىش ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولىدىغان ۋىزىغا ئىمزا قويۇپ تارقىتىپ بېرىدىكەن؛ ھەمدە جۇڭگوغا كېلىپ تۇرغان شۇ جايدا خىزمەت قىلىدىغان، ئوقۇيدىغان، ياكى تۇغقان يوقلاش ۋەياكى شەخسىي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش تۈپەيلىدىن جۇڭگودا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان چەتئەل تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇقلارغا قارىتا، بەلگىلىمە بويىچە، كۈچكە ئىگە مۇددىتى بەش يىل ئىچىدە بولغان ئولتۇراقلىشىش ئىجازىتى ئىمزالاپ تارقىتىپ بېرىدىكەن.

  چۈ يۈنخەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ج خ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، چەتئەل تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىشىدىكى بىر قاتار سىياسەت-تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. بۇ سىياسەت-تەدبىرلەر چەتئەل تەۋەلىكىدىكى تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇقلارنى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە جەلپ قىلىشتا، ئۇلاردىن ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان، ۋە ئىگىلىك تىكلەيدىغان ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ توپلاشتا پائال رول ئوينىدى. جۇڭگودا خىزمەت قىلىدىغان، ئوقۇيدىغان ۋە تىرىكچىلىك قىلىدىغان چەتئەل تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇقلارنى ئۇلارنىڭ چېگرادىن چىقىش–كىرىشى ۋە تۇرۇشىغا تېخىمۇ قولايلىق ۋە ئەمەلىي بولغان مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى چەتئەل تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىشى ۋە تۇرۇپ قېلىشىغا ئائىت سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ياخشىلاشنى قارار قىلدى. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ۋىزىلىرىنىڭ چېگرادىن كۆپ قېتىم كىرىش-چىقىش ئىناۋەتلىك مۇددىتىنىڭ ئىلگىرىكى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر يىل بولۇشىنى ئۆزگەرتىپ، بەش يىل ئىچىدە كۆپ قېتىم كىرىش-چىقىشتا ئىناۋەتلىك بولۇشىغا ئۇزارتتى؛ ئۇلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇش مۇددىتىنىمۇ بۇرۇنقى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئۈچ يىلدىن ئاشماسلىق بەلگىلىمىسىنى ئۆزگەرتىپ، بەش يىلغىچە تۇرۇشقا بولىدىغانغا ئۇزارتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر